خىتاي پورت مەسىلىسىدە پاناماغا تەھدىت سالدى

پاناما ئالىي سوت مەھكىمىسى خوڭكوڭ چاڭجياڭ خېجى گۇرۇھىنىڭ پاناما قانىلى پورتىدىكى ئۇزارتىلغان تىجارەت توختامىنى ئىناۋەتسىز دەپ ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، خىتاي پانامانىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ خوڭكوڭ-ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسى 3-فېۋرال بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، پاناما ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇ ھۆكۈمنى «ئەقىلگە سىغمايدىغان، نومۇسسىز ۋە كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان قارار» دەپ سۈپەتلىگەن ھەمدە خىتاي كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

پاناما ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن ھەپتە خوڭكوڭ چاڭجياڭ خېجى گۇرۇھى تارمىقىدىكى پاناما پورت شىركىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقان بىر مۇھىم توختامنى «ئىناۋەتسىز» دەپ ھۆكۈم قىلغان. سوت مەھكىمىسى بۇ توختامدا ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەر بارلىقىنى، شۇنداقلا ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ ھۆكۈم خوڭكوڭ چاڭجياڭ خېجى گۇرۇھىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 23 مىليارد دوللارلىق بىر سودا پىلانىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن. چاڭجياڭ خېجى گۇرۇھى بۇلتۇر مارت ئېيىدا پاناما قانىلىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى پورتلارنى ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى 40 تىن ئارتۇق پورتنى ئامېرىكىنىڭ چوڭ شىركىتى بىلاك روك باشچىلىقىدىكى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىغا سېتىشنى پىلانلىغانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى.

ئامېرىكا پاناما ئالىي سوتىنىڭ ھۆكۈمىنى قارشى ئالغان بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون مۇلېنار بۇ ھۆكۈمنىڭ ئامېرىكىنىڭ غەلىبىسىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيومۇ سوتنىڭ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 88 قېتىم كۆرۈلدى
04/02/2026 13:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق