ئامېرىكىدا خىتايغا چېتىشلىق قانۇنسىز تەجرىبىخانا پاش قىلىندى

ئامېرىكا فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) ۋە لاسۋىگاس ساقچى ئىدارىسى ئالدىنقى ھەپتە ساقچىلارنىڭ بىر تۇرالغۇدىن 1000 دىن ئارتۇق گۇمانلىق خەتەرلىك بىيولوگىيەلىك ئەۋرىشكىلەرنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر ئۆي ئىگىسىنىڭ 2023-يىلى كالىفورنىيەنىڭ رىدلىي شەھىرىدە پاش قىلىنغان قانۇنسىز بىيولوگىيەلىك تەجرىبىخانا دېلوسىدىكى خىتاي ئىكەنلىكى ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاي رېجىمى ۋە ئارمىيەسى بىلەن ئالاقىسى بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لاسۋىگاس ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە قوراللىق ساقچىلىرى ئۆتكەن شەنبە بىر رۇخسەتسىز بىيولوگىيەلىك تەجرىبىخانا ھەققىدىكى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ئاختۇرۇش بۇيرۇقى بىلەن شۇ يەردىكى بىر تۇرالغۇغا بارغان. ساقچىلار تۇرالغۇدىكى قۇلۇپلاپ قويۇلغان بىر ماشىنا ئىسكىلاتىدىن كۆپ مىقداردا تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىنى بايقىغان.

ساقچى تەرەپ باياناتىدا بىيولوگىيەلىك ماددا ۋە سۇيۇقلۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن يىغىۋېلىنغانلىقىنى ۋە تەكشۈرۈش ئۈچۈن فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تەجرىبىخانىسىغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېيتقان.

تەكشۈرۈشتە ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر تۇرالغۇنىڭ ئەمەلىي ئىگىدارلىق ھوقۇقى بىر شىركەتنىڭ نامىغا تىزىملىتىلغان بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى جۇ جيابېي ئىسىملىك خىتاي ئىكەن. مەزكۇر خىتاي 2023-يىلى كالىفورنىيەنىڭ رىدلىي شەھىرىدە رۇخسەتسىز بىيولوگىيەلىك تەجرىبىخانا ئاچقانلىقى ئۈچۈن فېدېراتىپ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ھازىرمۇ قاماقتا ئىكەن. ئۇ ئىلگىرى كانادا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان قاچقۇن بولۇپ، خىتاي رېجىمى ۋە ئازادلىق ئارمىيەسى بىلەن قويۇق ئالاقىسى بار، دەپ گۇمان قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 34 قېتىم كۆرۈلدى
05/02/2026 15:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق