5-فېۋرال غۇلجا قەتلىئامى ھەرقايسى دۆلەتلەردە تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلەندى

بۇندىن 29 يىل مۇقەددەم غۇلجىدا يۈز بەرگەن قەتلىئام ۋە خىتايغا قارشى كۆكرەك كېرىپ چىققان شېھىتلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن بۇ تارىخىي كۈننى خاتىرىلىدى.

5-فېۋرال كەچتە ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا جايلاشقان كازلىچەشمە مەدەنىيەت مەركىزىدە شېھىتلەر كېچىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى، تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرى قاتارلىق كۆپلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە تەشكىلات مەسئۇللىرى، تۈركىيەدىكى بىر قىسىم پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

قۇرئان تىلاۋىتى ۋە ئىستىقلال مارشلىرىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، بۇ ئالاھىدە كۈننى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى. ئارقىدىن غۇلجا شېھىتلىرى تونۇشتۇرۇلغان قىسقا فىلىم كۆرسىتىلدى.

ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان، ژۇرنالىست، يازغۇچى خالىس ئۆزدەمىر، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى قاسىمجان داموللام، بىرلىك رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، شېھىتلەرنىڭ تىز پۈكمەس روھىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتى.

پائالىيەتتە يەنە ياشلاردىن ئابدۇلئەھەد ئۆزتۈرك 5-فېۋرال غۇلجا قەتلىئامىغا ئاتاپ يازغان شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. ئاخىردا مەھمۇدجان داموللامنىڭ باشچىلىقىدا شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىندى.

5-فېۋرال غۇلجا قەتلىئامى مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە گوللاندىيە، گېرمانىيە، نورۋېگىيە، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، ئامېرىكا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردە نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ، خىتاينىڭ قەتلىئامى ۋە شېھىتلەر خاتىرىلەندى.

 

سۈرەتلەر تولۇقلىنىۋاتىدۇ...

بۇ خەۋەر 107 قېتىم كۆرۈلدى
06/02/2026 20:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق