
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە ئۇيغۇر باشلىق تۈرك خەلقىنىڭ بارلىق مەدەنىيىتىنى چەكلەپ يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاي ئۆز ئەنئەنىلىرىنى، بايراملىرىنى زورلاپ تېڭىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلمۇ خىتايلارنىڭ يېقىنلىشىۋاتقان باھار بايرىمىدا ئالاھىدە تەييارلىق بىلەن تۈرلۈك زور كۆلەملىك پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرماقتا.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ھەپتە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى خىتايلارنىڭ بۇ يىللىق باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن مەخسۇس تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا 10-فېۋرالدىن 3-مارتقىچە بولغان بىر ئايغا يېقىن ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 450 خىلدىن ئارتۇق پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە خىتايلارنىڭ بايرىمى مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتايلارنىڭ قەدىمىي ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، خىتايچە بايراملىق مەسنەۋى يېزىش، خىتايلارنىڭ شىچۈ تىياتىرى ئويناش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گەۋدىلەندۈرۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
خىتاي بۇ يىلمۇ بۇرۇنقىدەكلا شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇرۇنقىدىن پەرقلىنىدىغان يېرى بولسا بۇ يىللىق سەنئەت كېچىلىكىگە «خەلقئارالىق» كەلىمىسى قوشۇلغان. بۇنىڭدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» ئىبارىسى بىلەن تونۇلغان خەلقئارالىق ساياھەت تەشۋىقاتى ئۈچۈن پايدىلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىكەن.
خىتاي رېجىمى بۇ خىل پۇرسەتلەردىن ئالاھىدە پايدىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئىككى يىل بۇرۇن خىتاي مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2024-يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ تارماق مەيدانى سۈپىتىدە قەشقەردە تەييارلانغان ئاتالمىش «گۈزەللىك شىنجاڭدا» ناملىق نومۇرنى ئۆز قانىلىدا تارقاتقانىدى. بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بۇنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلغانىدى.