
خىتاي ھالقىلىق مېنېرال ماددىلارنى مونوپۇل قىلىۋاتقان ۋە بۇنى كوزىر سۈپىتىدە باشقا دۆلەتلەرگە قارشى ئىشلىتىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەپتە 50 نەچچە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىنى يىغىپ، ھالقىلىق مېنېراللار ساھەسى ھەققىدە يىغىن ئاچتى. بۇ جەرياندا 10 نەچچە تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاندى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 4-فېۋرال ھالقىلىق مېنېراللار باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر يىغىنغا 54 دۆلەتنىڭ ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسمى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياكى باشقا مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئىكەن.
ھالقىلىق مېنېراللار تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى ۋە ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىغان بۇ يىغىندا 11 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالانغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو يىغىندا سۆز قىلىپ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىرلا دۆلەتنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قالغانلىقىنى، بۇ پۈتۈن دۇنيا تاقابىل تۇرۇشقا تېگىشلىك يەرشارىۋى مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
بۇلاردىن سىرت، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئوخشاش كۈندە «ھالقىلىق مېنېراللارنىڭ يېتەكچىلىك ئورنى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ھالقىلىق مېنېراللار تەمىنلەش زەنجىرىدىكى تۈرلۈك ئاجىز نۇقتىلارنى ھەل قىلىش مەقسەت قىلىنغان.
خىتاينىڭ سىيرەك توپا ئېلېمېنتلىرى مونوپوللۇقى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى سەگەكلەشتۈرگەن مەسىللەردىن بىرى بولۇپ، ياۋروپا ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى دۈشەنبە ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھالقىلىق خام ئەشيا تەمىناتىدا يەنىلا خىتايغا ئېغىر دەرىجىدە تايىنىدىغانلىقىنى، ئىمپورتقا بېقىنىشنى ئازايتىش جەھەتتىكى ئىلگىرىلەشنىڭ چەكلىك بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپ شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.