قايغۇسىنى يوشۇرۇن ئىپادىلەشكە تىرىشقان ئۇيغۇرلارمۇ تەھدىتكە ئۇچرىماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈرك خەلقىنىڭ بارلىق دىنىي، مىللىي ئەنئەنىلىرىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەۋاتقان بولۇپ، سالام، دۇئا ئىبارىلىرى جىنايەت دەپ قارىلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن ئاددىي تىلەكلىرىنى يوشۇرۇن بىلدۈرگەنلەرمۇ ئېغىر تەھدىت ئاستىدا ياشىماقتا.

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر قىسقا سىن مۇھاجىرەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. مەزكۇر سىندا بىر ئۇيغۇر ئايال كادىر خىتاينىڭ دوۋيىن سۇپىسى ئارقىلىق باشقا ئۇيغۇرلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قەبرىلەرنىڭ سۈرەت، ۋىدىيولىرىنى تارقاتقانلارغا ۋە ۋاپات بولغان يېقىنلىرى ئۈچۈن «ياتقان يېرىڭىز گۈزەل بولسۇن» دېگەندەك ئاددىي تىلەكلەرنى يازغانلارغا قاتتىق تەھدىت سالغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئازراقلا دىنىي تۈس ئالغان ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشنى جىنايەت قاتارىغا كىرگۈزگەن بولۇپ، «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاللاھقا ئامانەت...» دېگەندەك ئۇيغۇرلار ئەسىرلەردىن بۇيان ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئادەت سۆزلىرىنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن. بۇ سەۋەبلىك كىشىلەر ۋاپات بولغانلار ئۈچۈن «ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن» دېگەندەك تەزىيە سۆزلىرىنىمۇ ئىشلىتىشتىن قورقىدىغان، بۇنىڭ ئورنىغا «ياتقان يېرى گۈزەل بولسۇن» دېگەندەك ئىبارىنى ئىشلىتىدىغان بولغان.

مەزكۇر ئايال كادىرنىڭ كۆزدە تۇتقىنىمۇ دەل بۇ ئىبارە بولۇپ، ئۇ سۆزلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى ۋە ئەنئەنىلىرىگە ھاقارەت قىلغاندىن سىرت، يۇقىرىدا تىلغا ئالغان كىشىلەرنىڭ «ھەددىنى بىلىشى كېرەكلىكى، بولمىسا شامىلىنى يىغىدىغانلىقى، پاتىدىغان يەرگە پاتقۇزىدىغانلىقى»غا ئوخشاش ئېغىر تەھدىت سۆزلىرىنى ئىشلەتكەن. ئايال كادىرنىڭ شېۋىسىدىن مەزكۇر سىننىڭ باستۇرۇش ئەڭ ئېغىر رايونلارنىڭ بىرى بولغان قەشقەردىن تارقىتىلغانلىقىنى بىلىش تەس ئەمەس ئىكەن.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈكىمۇ خىتاينىڭ تېررور سىياسەتلىرىدىن ئامان قالمىغان بولۇپ، تارقالغان بىر قىسىم سىنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە بېتوندىن ياكى پىششىق خىشتىن ياسالغان، قەۋەتلىك قۇرۇلۇشلارغا مەجبۇرىي دەپنە قىلىنىۋاتقانلىقى، سىرتىدىن قارىغاندا ئۇيغۇر مازارلىقى ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىش مۇمكىن ئەمەسلىكى، ئىسلامىي يوسۇندا مېيىت ئۇزىتىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەنىدى.

مەزكۇر ئۇيغۇر كادىرنىڭ بايانلىرى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بولۇپ، خىتاي نۆۋەتتە ساختا تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەكسىچە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە، ھەر جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك باستۇرماقتا. خىتايغا سادىق بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەمەلدارلار بولسا بۇ جىنايەتلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىجرا قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 157 قېتىم كۆرۈلدى
07/02/2026 15:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق