ئۇيغۇر قىز ئەرفىيە ئۈچىنچى قېتىم پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى

8-فېۋرال ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋام پالاتاسى سايلىمىدا نۆۋەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلدى. مەزكۇر پارتىيەگە تەۋە بولغان ئۇيغۇر قىز ئەرفىيە ئېرىمۇ (ئەرفىيە ئەلى) ئۈچىنچى قېتىم ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلاندى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى سانائې تاكائىچى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ پەقەت ئۈچ ئايدىن كېيىن، يەنە كېلىپ مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋام پالاتاسى سايلىمى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقانىدى. نەتىجىدە تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا سانائې تاكائىچى رەھبەرلىكىدىكى لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسىدىكى 465 ئورۇندىن 316 سىگە ئېرىشكەن. بۇ لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ 1955-يىلىدىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشىشى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقدىشى بىلەن بولغان ياپونىيە يېڭىلىق پارتىيەسى ئېرىشكەن 36 ئورۇننى قوشقاندا، سانائې تاكائىچى رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي ئىتتىپاق مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ئاۋام پالاتاسىدىكى 352 ئورۇننى ئىگىلىگەن.

ئاۋام پالاتاسى سايلىمىنىڭ نەتىجىسى سانائې تاكائىچى رەھبەرلىكىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقان سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنىڭ، شۇنداقلا خىتايغا تۇتقان قاتتىق قول، باش  ئەگمەس پوزىتسىيەسىنىڭ زور قوللاشقا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە ۋە شۇنداقلا بۇندىن كېيىنكى قارارلىرىدىكى توسالغۇلار ئېلىپ تاشلاندى، دەپ قارالماقتا.

ياپونىيە سىياسىي سەھنىسىدە چاقناۋاتقان ئۇيغۇر قىز ئەرفىيەمۇ چىبا 5-رايونىدىكى سايلامدا ئۇتۇق قازىنىپ، ئۈچىنچى قېتىم ئاۋام پالاتا ئەزالىقىغا سايلاندى. ئۇ 2023-يىلى 4-ئايدا ۋە 2024-يىلى 10-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئىككى قېتىم ئاۋام پالاتا ئەزالىقىنى قولغا كەلتۈرگەنىدى.

ئەرفىيە 1988-يىلى ياپونىيەنىڭ فۇكۇكا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ياپون تىلىدىن باشقا، ئۇيغۇرچە، خىتايچە ۋە ئىنگلىزچىنى پىششىق بىلىدىكەن. ئۇ ئىلگىرى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا سىياسەت ئىنستىتۇتى، دۇنيا بانكىسى، ياپونىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن.

ئۇ يەنە ياپونىيەنىڭ خىتايغا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەندىن سىرت، بىر قىسىم زىيارەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ ئاۋاز چىقىرىپ، بۇ ھەقتە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 145 قېتىم كۆرۈلدى
09/02/2026 11:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق