
ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توماس دىناننو خىتاينىڭ يوشۇرۇن يادرو سىنىقى قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، توماس دىناننو ئالدىنقى جۈمە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي قىسقارتىش سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «بۈگۈن مەن شۇنى ئاشكارىلىيالايمەنكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يادرو سىنىقى قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى» دېگەن.
ئۇ خىتاينىڭ 2020-يىلى 22-ئىيۇندا مەخپىي يادرو سىنىقى قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي ھەربىي قىسمىنىڭ يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش ئۈنۈمدارلىقىنى تۆۋەنلىتىدىغان بىر خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، تاشقى دۇنيادىن بۇ سىناقنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ بۇلتۇر 11-ئايدىكى بىر تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ چوڭقۇر يەر ئاستىدا يوشۇرۇن يادرو سىنىقى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى ۋە ئامېرىكىنىڭمۇ چوقۇم يادرو سىنىقى قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنىدى. ئالدىنقى ھەپتە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توماس دىناننو بۇنى رەسمىي تەرىقىدە ئاشكارىلىغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيومۇ ئوخشاش كۈندە ئېلان قىلغان يازمىسىدا خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان كېلىشىملەرگە قارىماي، يادرو قورال ئامبىرىنى ئىزچىل زورايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، 2020-يىلىدىن بۇيان يادرو قورالى زاپىسىنىڭ 200 تالدىن 600 تالغا كۆپەيگەنلىكىنى، 2030-يىلىغا بارغاندا 1000 دىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بايانلىرىدا خىتاينىڭ قايسى جايدا يادرو سىنىقى قىلغانلىقىنى ئېنىق تىلغا ئالمىغان. ئەمما شەرقىي تۈركىستان ئىشغالىيەت تارىخىدىن بۇيان خىتاينىڭ يادرو سىناق رايونىغا ئايلانغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە زېمىنى ئېغىر يادرو بۇلغىنىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن.