ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى خىتاينىڭ تەھدىتلىرىدىن ئاگاھلاندۇردى

ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستىخبارات ئورگىنى بولغان ھەربىي ئىستىخبارات 5-باشقارمىسى ئالدىنقى ھەپتە ئەنگلىيەدىكى 70 تىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرىنى جەم قىلىپ يىغىن ئېچىپ، ئۇلارنى خىتاي قاتارلىق دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ تەھدىتلىرى ۋە تەكشۈرۈشىدىن مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىشكە چاقىردى ۋە چەت ئەلنىڭ دەخلى-تەرۇز قىلىش ۋەقەلىرىنى ھۆكۈمەتكە، بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا خەۋەر قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 5-باشقارمىنىڭ باشلىقى كېن مىكالىم خىتاي ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ۋە دۈشمەن كۈچلەرنىڭ دائىم قوللىنىدىغان ۋاسىتىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەرگە تەھدىت سېلىش، كەسپىي ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكەتلىرى ئارقىلىق ئالاقە ئورنىتىش ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىزىقتۇرۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئىقتىدار ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئىشلىرى ۋەزىرى جاكى سىمىس ئەنگلىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئاساسلىق نىشانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ بىر قاتار تەدبىرلەر ئۈچۈن ئۈچ مىليون فوندستېرلىڭ ئاجرىتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرلىرى ۋە تەيىنلەنگەن بىخەتەرلىك مەسئۇللىرىنىڭ گۇمانلىق ئالاقە ياكى دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى مەلۇم قىلىشى ئۈچۈن بىر بىخەتەرلىك سۇپىسى قۇرۇشنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ چەت ئەلنىڭ ئاكادېمىيە ساھەسىگە قول تىقىش قىلمىشى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، BBC بۇلتۇر 11-ئايدا ئېلان قىلغان مەخسۇس خەۋىرىدە شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي مەسىلىلىرى بۆلۈمىنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى پاش قىلىپ، خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

مەزكۇر خەۋەردە شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە قۇل ئەمگىكى مەسىلىسى پىروفېسسورى لاۋرا مۇرفىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقى، 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي رېجىمىنىڭ بېسىمى ۋە شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتىغا قارشى تۆھمەت خاراكتېرلىك ئەرزى سەۋەبلىك، ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىكىنىڭ پىروفېسسور لاۋرا مۇرفى ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەييارلىغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئالاقىدار دوكلاتنى ئېلان قىلماسلىقنى قارار قىلغانلىقى، 2025-يىلىنىڭ بېشىدا ئۇنىۋېرسىتېت مەسئۇللىرىنىڭ يەنە پىروفېسسور لاۋرا مۇرفىغا خىتاينىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرماسلىقىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا قول تىقىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئەڭ باشتا ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولۇپ، ئەقىل ئامبارلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە تەجرىبىخانىلىرىغا خىتاي رېجىمىنىڭ پىلانى ئىچىدىكى خىتاي تەتقىقاتچىلارنىڭ سىڭىپ كىرگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئەندىشە قىلارلىق ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەتەر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئۇنىۋېرسىتېتلارغا، تەتقىقات ئورگانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەنىدى.

بۇ خەۋەر 87 قېتىم كۆرۈلدى
10/02/2026 12:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق