
ئالدىنقى ھەپتە تۈركىيەنىڭ سامسۇن ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسىدە، سامسۇن خەلقى تاماشىبىنلار سەھنىسىدە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى لەپىلدىتىپ، كۆك رەڭدىكى پىلاكاتلار بىلەن مەيداننى كۆككە بويىدى.
سامسۇن پۇتبول كوماندىسى بىلەن تىرابزون پۇتبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى7-فېۋرال سامدۇندىكى 19-ماي تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇسابىقىدىن بۇرۇن 2023-يىلى 6-فېۋرال تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ئېغىر يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار خاتىرىلەنگەندىن سىرت، تاماشىبىنلار سەھنىدە شەرقىي تۈركىستانغا بولغان قوللىشىنى ئىپادىلىدى.

مەيداننىڭ بىر تەرىپىدە مىڭلىغان تاماشىبىنلار شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ، ئەتراپىدا بايراق رەڭلىك تاختايلارنى كۆتۈرۈپ، سەھنىنى كۆك رەڭگە بويىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىكى تاماشىبىنلار «سەددىچىننى يىقىتىپ يازايلى داستان، زەپەر بىزنىڭ بولىدۇ شەرقىي تۈركىستان» دەپ يېزىلغان چوڭ پىلاكاتنى كۆتۈرۈپ، تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆرلۈكىگە بولغان تىلەكلىرىنى، قوللىشىنى بىلدۈرۈشتى.
سامسۇن خەلقىنىڭ تەنتەربىيە ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشى يەرلىك خەۋەر تور بەتلىرىدە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ تارقىلىپ، ئىجابىي ئىنكاس قوزغىدى.
