
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، تەتقىقاتچىلار، زىيالىيلار، دىنىي زاتلار ۋە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن 7-، 8-فېۋرال كۈنلىرى شىمالىي سىپرۇس (قىبرىس) تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىرنە شەھىرىدە «5-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە يىغىنى» يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئورگان تور بېتىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا دۇنيا سىياسىتىدىكى زور ئۆزگىرىشلەر، ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا تەرتىپىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە ئەنئەنىۋى ئۇسۇللاردىن ھالقىغان يېڭى بىر ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يىغىننىڭ ئېچىلىش باسقۇچىدا، يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە دۇنيا مىقياسىدا يۈز بەرگەن تۈپ ئۆزگىرىشلەر ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىنىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان، دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ئاساس قىلغان «قائىدىگە ئاساسلانغان خەلقئارالىق تەرتىپ»نىڭ چوڭقۇر كىرىزىس ئىچىدە ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىكى تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، «خىتايچە قىممەت قاراشلار» سىستېمىسىنى تېڭىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئىككى كۈن داۋاملاشقان مۇنازىرە نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى يەر شارى خاراكتېرلىك شەرت-شارائىتلارغا ئۇيغۇن، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل ۋە نەتىجىنى نىشان قىلغان بىر يۆنىلىش خەرىتىسىنى يولغا قويۇشى كېرەكلىكى، جۈملىدىن: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى پەقەتلا «ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» دائىرىسىدە ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خەلقئارا قانۇندىن تۇغۇلغان «دۆلەت بولۇش ھوقۇقى» ئاساسىدا قوغداش، شەرقىي تۈركىستاندىكى دەپسەندىچىلىكلەرگە ئالاقىدار تېخىمۇ تەپسىلىي سانلىق مەلۇماتلارنى دەلىللەش مېخانىزملىرىنى قۇرۇپ چىقىش، ياشلارنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدا كەسپىي تەرەققىياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن يېتەكلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئانا تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە مىللىي كىملىكنى قوغدايدىغان مائارىپ پىروگراممىلىرىنى كۆپەيتىش، ئوخشىمىغان رايونلار ئۈچۈن خاسلاشتۇرۇلغان دىپلوماتىيە قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تەشكىلاتلار ئارا ئالاقىلەرنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي ئۇل ئەسلىھەنى مۇستەھكەملەش ۋە مەۋجۇت تاراتقۇ كۈچىنى كەسپىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلار قارار قىلىنغان.