يېڭى قانۇن لايىھەسى: خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا دۇنيا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 9-فېۋرال مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن «تەيۋەننى قوغداش قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى. قانۇن لايىھەسىدە خىتاي تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ھەرىكەتلەرنى قوللانغان تەقدىردە، ئامېرىكىنىڭ خىتاينى دۇنيا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 395 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 2 ئاۋازنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن ماقۇللانغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى ئۈچۈن، كېڭەش پالاتاسىدىمۇ ماقۇللىنىشى ۋە پىرېزىدېنتنىڭ ئىمزالىشى كېرەك ئىكەن.

ئەگەر پىرېزىدېنت قانۇن لايىھەسىدىكى ماددىلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ قىلمىشلىرى تەيۋەن خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، جەمئىيەتكە ۋە ئىقتىسادقا تەھدىت ئېلىپ كەلگەن ۋە بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقىنى بېكىتكەن تەقدىردە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى، فېدېراتسىيە زاپاس كومىتېتى ۋە ئاكسىيە بىرژىسى كومىتېتى قاتارلىقلار خىتاي ۋەكىللىرىنى 20 دۆلەت گۇرۇھى، خەلقئارا راسچوت بانكىسى، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىق كومىتېتى، باسېل بانكا نازارەت كومىتېتى، خەلقئارالىق سۇغۇرتا نازارەت بىرلەشمىسى، خەلقئارا ئاكسىيە نازارەتچىلىك تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلاردىن چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدىكەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى سۇنغان پارلامېنت ئەزالىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشتىن ئىلگىرى پارلامېنتنىڭ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان جازا يۈرگۈزۈش مېخانىزمىنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان زومىگەرلىك قىلمىشلىرىغا قارشى بىر ئاكتىپ سىياسەتنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق، ئەگەر خىتاي تەيۋەن بىلەن توقۇنۇشۇش غەرىزىدە بولىدىكەن، ئاقىۋىتىگە تەييارلىق قىلىش قويۇشى كېرەكلىكىدەك سىگنال بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 124 قېتىم كۆرۈلدى
11/02/2026 15:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق