گوللاندىيە سوتىنىڭ قارارى خىتاي شىركىتىگە ئېغىر زەربە بەردى

گوللاندىيە سوت مەھكىمىسى 10-فېۋرال ھۆكۈم چىقىرىپ، خىتاينىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى ۋېنتەي تېخنولوگىيەسى قارمىقىدىكى ئەنشى (Nexperia) يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىغا قارىتا تەكشۈرۈش باشلاشنى قارار قىلدى ۋە شۇنداقلا شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جاڭ شۆجېڭنى ۋەزىپىسىدىن توختىتىش، ۋېنتەي تېخنولوگىيەسىنىڭ پاي ئىگىسى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى توڭلىتىش قاتارلىق بۇرۇنقى ھۆكۈمىنى ساقلاپ قالدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈشنىڭ كونكرېت مۇددىتىنى ئېنىق ئېيتمىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئوخشاش تەرتىپلەر ئادەتتە ئالتە ئايدىن ئارتۇق داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەنشى شىركىتىنىڭ كونترول ھوقۇقىنى تالىشىش مەسىلىسى ئاللىبۇرۇن شىركەت مۇدىرىيەت قاتلىمىدىن ھالقىپ، ياۋروپا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تىركىشىشىگە ئايلانغان.

سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ قارارى گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى مۇداخىلە قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان شىركەتنىڭ تىجارىتىگە مەسئۇل بولۇپ كېلىۋاتقان ياۋروپا باشقۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ شىركەتنى داۋاملىق كونترول قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. سوتنىڭ ھۆكۈمى ياۋروپا باشقۇرۇش قاتلىمى ئۈچۈن مۇھىم غەلىبە، ئەنشىنىڭ ئانا شىركىتى ۋېنتەي تېخنولوگىيەسىگە بولسا ئېغىر زەربە، دەپ قارالماقتا.

ئەنشى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتى ئىلگىرى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبلىك، ئەنگلىيەنىڭ نىيۇپورت شەھىرىگە جايلاشقان كىرىمنىي كىرىستال ياپراقچىسى زاۋۇتىنى سېتىۋېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى. بۇلتۇر ئۆكتەبىر ئېيىدا گوللاندىيە ھۆكۈمىتىمۇ مەزكۇر خىتاي شىركىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەنىدى. مەزكۇر شىركەتنىڭ ئانا شىركىتى ۋېنتەي تېخنولوگىيەسى يەنە ئامېرىكىنىڭ ​​«قارا تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خەۋەر 100 قېتىم كۆرۈلدى
12/02/2026 16:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق