خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلارغا قىلغان ئىئانىسىدىن ھەزەر ئەيلەش كېرەكلىكى تەكىتلەندى

ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىقى 11-فېۋرال ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار 2025-يىلى جەمئىي 5.2 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق چەت ئەل فوندىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتايدىن كەلگەن فوند 528 مىليون دوللاردىن ئېشىپ، قاتار ۋە ئەنگلىيەدىن قالسىلا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.

ئامېرىكا «ئالىي مائارىپ قانۇنى»نىڭ 117-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، فېدېراتسىيە مالىيە ياردىمىگە ئېرىشكەن ئۇنىۋېرسىتېتلار ھەر يىلى قىممىتى 250 مىڭ دوللار ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان چەت ئەل مەنبەلىك ئىئانە ۋە توختاملارنى مائارىپ مىنىستىرلىقىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك ئىكەن.

ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون مۇلېنار بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى فوند بىلەن تەمىنلىشىدىكى مەقسەت مۇھىم تەتقىقات نەتىجىلىرى، تەسىر كۈچى ۋە ئاكادېمىك تەتقىقاتچىلارنى خىتايغا يۆتكەشتۇر» دېگەن.

كومىتېت يەنە پارلامېنتنى «بىخەتەر تەتقىقات قانۇن لايىھەسى» ۋە «چەت ئەلنىڭ تەتقىقات ۋە مائارىپقا قول تىقىشىنى توسۇش قانۇن لايىھەسى»نى تېزدىن ماقۇللاپ، ئوقۇغۇچىلارنى ۋە تۈرلۈك تەتقىقاتلارنى قوغداشقا چاقىرغان.

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋاسىتە ئارقىلىق چەت ئەلدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار، تەتقىقات ئورگانلىرىدىكى تەسىر كۈچىنى زورايتىش ھەرىكەتلىرى يېقىنقى يىللاردا تېخىمۇ ئېنىق ئاشكارىلاۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتمەكتە. ئەنگلىيەنىڭ ھەربىي ئىستىخبارات 5-باشقارمىسى ئالدىنقى ھەپتە ئەنگلىيەدىكى 70 تىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرىنى يىغىپ، ئۇلارنى خىتاي قاتارلىق دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ تەھدىتلىرى ۋە تەكشۈرۈشىدىن مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىشكە چاقىرغانىدى.

بۇ خەۋەر 103 قېتىم كۆرۈلدى
12/02/2026 16:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق