
سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا مۇداپىئە كۆرگەزمىسىدە ئامېرىكا، تۈركىيە، خىتاي ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، خىتاي ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئېكسپورت قىلىش جەھەتتە تۈركىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئارقىسىدا قالغان. تۈركىيە نۆۋەتتە دۇنيادىكى 11-چوڭ قورال ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتكە ئايلانغان.