CIA نىڭ خىتاي ھەربىي ئەمەلدارلىرىنى نىشان قىلغان تەشۋىقات ۋىدىيوسى دىققەت قوزغىدى

ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) 12-فېۋرال يۇتيۇب، فېيسبۇك، X قاتارلىق كۆپلىگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا خىتايچە سىن ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ھەربىي خادىملىرىنى CIA  بىلەن ھەمكارلىشىشقا قىزىقتۇردى. خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرى شى جىنپىڭ تەرىپىدىن كۆزدىن يوقىتىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئېلان قىلىنغان مەزكۇر تەشۋىقات ۋىدىيوسى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

«كۆكرەك كېرىپ چىقىشنىڭ سەۋەبى: كەلگۈسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ قىسقا سىندا، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى چىرىكلىكتىن نارازى بولغان بىر خىتاي ھەربىي ئەمەلدارنىڭ سىمسىز ئۇچۇر سىستېمىسى ئارقىلىق CIA بىلەن بىخەتەر ئالاقە قىلىش جەريانى رول ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن تەسۋىرلەنگەن. سىننىڭ ئاخىرىدا «دۇنيانىڭ تەقدىرى سېنىڭ قولۇڭدا» دېگەن شوئار كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر سىن ئىككى كۈن ئىچىدىلا ئىككى يېرىم مىليون قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن.

بۇ CIA ئوخشاش تۈردىكى تەشۋىقات ۋىدىيوسىنى تۇنجى قېتىم تارقىتىشى ئەمەس بولۇپ، بۇلتۇر 5-ئايدىمۇ خىتايچە ئىشلەنگەن ئىككى سىن تارقىتىپ، خىتايدىكى ئەمەلدارلارنى ئامېرىكىغا مەخپىي ئۇچۇر يوللاشقا تەشۋىق قىلغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى مەزكۇر سىنلارنىڭ خىتاينىڭ تور توسۇقلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، كۆزلىگەن نىشانغا يېتىپ بارالايدىغانلىقىغا ئىشەنچى بارلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.

بۇ تەشۋىقات ۋىدىيوسىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ھەربىي ساھەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى كۆزدىن يوقىتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئېلان قىلىندى. خىتاي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى جاڭ يوۋشيا شى جىنپىڭدىن قالسىلا ئىككىنچى نومۇرلۇق شەخس ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى، دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 24-يانۋار جاڭ يوۋشيانىڭ «ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» سەۋەبلىك تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

بۇ خەۋەر 88 قېتىم كۆرۈلدى
14/02/2026 18:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق