
خىتاي ئەلچىخانىسى گوللاندىيەدە ئۆتكۈزگەن باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتىگە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى تىنچ نامايىش ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى خىتايلارنىڭ زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇشىغا ئۇچرىدى.
خىتاينىڭ گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 14-فېۋرال دەنھاگ شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت بىناسىدا خىتايلارنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنىڭ بىردىنبىر كاپالىتى» دەپ يېزىلغان، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى، خەرىتىسى چۈشۈرۈلگەن پىلاكاتنى كۆتۈرۈپ تۇيۇقسىز مەيدانغا كىرگەن ۋە تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاپ، گوللاندىيە خەلقىنى، ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانماسلىققا چاقىرغان.

بۇنى كۆرگەن بىر-ئىككى ئامانلىق قوغدىغۇچى ۋە بەش-ئالتە خىتاي خادىم دەرھال يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ تىنچ نامايىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، پىلاكاتنى تارتىۋالغان ۋە ئۇنى يەرگە بېسىپ، سىلكىشلەپ، سۆرەپ مەيداندىن چىقىرىۋەتكەن.
ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتى كۆرسىتىلگەن سىن قىسقىغىنا ئىككى كۈن ئىچىدە 25 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلدى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ ھەمبەھرىلەندى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ باتۇرانە ھەرىكىتىنى ئالقىشلاش، ئاپىرىن ئوقۇش بىلەن بىرگە، خىتايلارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى. خۇسۇسەن بىر خىتاينىڭ ئابدۇرېھىم ئەپەندىنىڭ گېلىدىن بوغۇپ ئېلىپ مېڭىشىدەك ياۋۇزلۇقى كۈچلۈك غەزەپ-نەپرەت قوزغىدى. گوللاندىيەدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ خىتايلارنىڭ زوراۋانلىق ۋاسىتىسى بىلەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىنىڭ نامايىشىنى باستۇرغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلدى.
ئابدۇرېھىم غېنى ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، باشقا بىر خەلقنىڭ تۇپرىقىدىكى تىنچ نامايىشقا زوراۋانلىق ۋاسىتىسى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغان خىتاي خادىملارنىڭ قىلمىشلىرىنى ساقچىغا مەلۇم قىلغانلىقىنى، كېيىن ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇنى خەۋەرلەندۈرۈپ، پىلاكاتنى تارتىۋېلىش قىلمىشىنىڭ ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى، خىتاي خادىملارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشىنىڭمۇ ئۇرۇش، جىسمانىي زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى ھېسابلىنىدىغانلىقى، ئۇلار ئۈستىدىن ئەرز سۇنسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئادۋوكات تۇتۇپ، مەزكۇر خىتاي خادىملارنى ئەرز قىلىدىغانلىقىنى، ئۆز ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇرېھىم ئەپەندى يەنە ئۆزىنى يەرگە بېسىۋالغان خىتايلارنىڭ «سەن جازا لاگېرىغا لايىق، ئۆلۈمگە لايىق، ئۆلتۈرۈشكە تېگىشلىك» دەپ تەھدىت سالغانلىقىنى، خىتايلار تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ مېڭىلغاندا ئۆزىنى خۇددى شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرىغا ئېلىپ مېڭىلغاندەك تۇيغۇغا كەلگەنلىكىنى، خىتايلارنىڭ زوراۋانلىقلىرى سەۋەبلىك، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان بەدەنلىرىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇرېھىم غېنى دۇچ كەلگەن خىتايلارنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش، كونترول ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ يېڭى، تىپىك مىسالى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە بىر قىسىم نوپۇزلۇق دوكلاتلار ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ تەھدىت سېلىش، پاراكەندە قىلىش، زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن، ئۆزىگە قارشى ئاۋازلارنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقى پاش قىلىنغانىدى.
2024-يىلىدىمۇ گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇراھمان ئۇيغۇرمۇ ئوخشاش جايدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتايلارنىڭ باھار بايرىمىلىق پائالىيىتىگە ئېتىلىپ كىرىپ نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى ۋە «خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات»، «شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئەمەس» دەپ شوئار توۋلاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ساختىپەزلىكىنى، يالغان تەشۋىقاتىنى ئېچىپ تاشلاپ، سورۇندىكى خىتايلارنى ۋەھىمىگە سالغانىدى.
نۆۋەتتە خىتايلارنىڭ باھار بايرىمىلىق پائالىيەتلىرى ئاددىي تەبرىكلەشتىن ئاللىبۇرۇن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار باشلىق تۈرك مىللەتلەرگە مەجبۇرىي تېڭىلىۋاتقان خىتاي بايرىمى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئاسسىمىلياتسىيە جىنايىتىنىڭ بىر ۋاسىتىسى بولسا، چەت ئەلدە خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچىنى، ساختا تەشۋىقاتىنى كېڭەيتىشكە، ئوبرازىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغان سورۇنغا ئايلانماقتا. بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، خىتاينىڭ بۇ ساختىپەزلىكلىرىنى پاش قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.