
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا: «ياپونىيە خەلقى رادىكال ئوڭچىل، ھەتتا مىلىتارىزمنى قايتا تىرىلدۈرۈشنى ئويلاۋاتقان كۈچلەر تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئەگەشتۈرۈلمەسلىكى، قايمۇقتۇرۇلماسلىقى كېرەك... ئەگەر ياپونىيە بۇ كونا يولغا قايتىشنى تاللىسا، پەقەت ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ» دەپ بىلجىرلىغاندىن كېيىن، ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى خىتاينى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ دەۋالارنى «پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەس ۋە ئاساسسىز» دەپ رەت قىلدى.