
شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى 16-فېۋرال ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىغا جايلاشقان نەسلىشاھ سۇلتان كۈلتۈر مەركىزىدە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدىكى 2025-يىللىق ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
يىغىنغا تۈركىيەدىكى بىر قىسىم پارتىيە، تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن بىر تۈركۈم زاتلار ئىشتىراك قىلدى.

قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان يىغىندا ئالدىن بىلەن ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئىبراھىم سىدىق ئېچىلىش سۆز قىلدى. ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى مۇساجان ئەر سۆز قىلىپ، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.
ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى تەتقىقاتچىسى زەھرانۇر ئەرتەك سەھنىگە چىقىپ، يىللىق دوكلاتنىڭ تەييارلىنىش جەريانى، قوللانغان مېتودلار، ئۇچۇر مەنبەلىرىگە ئېرىشىش ۋە تاللاش باسقۇچلىرى، مەركەزلەشكەن نۇقتىلار ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
يىغىندا يەنە كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى دوكتور سەلچۇق ئۆزداغ ۋە سائادەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا كايانىڭ يىغىن ئۈچۈن يوللىغان مەكتۇپى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە ئالدىن بىلەن دوكلاتتىكى مەزمۇنلار ئاساسىدا ئىشلەنگەن قىسقا ۋىدىيو كۆرسىتىلدى. ئارقىدىن ھۆر دەۋا پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمۇد شاھىن، ئىيى پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى مۇئاۋىن رەئىسى نازىم يىلماز ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەرۋاقىت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.
ئارقىدىن مۇھاكىمە يىغىنى تەرىقىسىدە داۋاملاشقان يىغىندا ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى تۈركچە بۆلۈمى مەسئۇلى مۇھەممەد ئەلى ئاتايۇرت، ئىنسان ھەقلىرى ۋە مەزلۇملار ئۈچۈن ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى كايا كارتال، خەلقئارا كۆچمەنلەر ھەقلىرى جەمئىيىتىدىن زەينەپ ئەرتېكىن، يەرشارى ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى ھۈسەيىن دىشلى قاتارلىقلار خىتاينىڭ خەلقئاراغا يېيىلغان ساختا تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئارخىپلاشتۇرۇش، دوكلاتلاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى، خەلقئارالىق قانۇنلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشتىكى ئورنى قاتارلىق تۈرلۈك تېمىلار بويىچە توختالدى.
يىغىننىڭ ئاخىرىدا يىللىق دوكلاتنى تەييارلاش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقارغان تەتقىقاتچىلار ۋە مەسئۇللارغا ھەدىيە تەقدىم قىلىندى.