تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى ئانا تىلغا بېغىشلانغان ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

 

تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى دۇنيا ئانا تىلى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، 17-فېۋرال زەيتىنبۇرنۇ كازلىچەشمە كۈلتۈر سەنئەت مەركىزىدە «قەدىرلەنسۇن ئانا تىل» تېمىسىدا ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

پائالىيەتكە تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، ئاتا-ئانىلار ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار قاتناشتى. نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەتقىقات بۆلۈمى مۇدىرى ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ قارىھاجىم سۆز قىلىپ، ئانا تىلنى ئۆگىنىش، ئۆگىتىش، قوغداشنىڭ ئەھمىيىتى، خۇسۇسەن مۇھاجىرەتتە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر، مەسئۇلىيەتلەر ھەققىدە توختالدى.

تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە رەڭگارەڭ نومۇرلارنى تەييارلاپ كەلگەن بولۇپ، ۋەتەن، مىللەت، ئانا تىل سۆيگۈسى كۈيلەنگەن، ئارقا-ئارقىدىن سۇنۇلغان كۆڭۈل سوۋغىلىرى ئىشتىراكچىلارنى گاھ كۈلدۈرسە، گاھ يىغلاتتى.

پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى، پىداكارلىقلىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، سوۋغات تەقدىم قىلىندى.

نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى قارمىقىدىكى تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى 2017-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان بىر قەدەر مۇنتىزىم ھالدا ئانا تىل ئوقۇش-ئوقۇتۇش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ھەر يىلى ئانا تىل كۈنىگە ئوخشاش ئالاھىدە كۈنلەردە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، ئۆسمۈرلەرنىڭ كىملىك تۇيغۇسىنى، ۋەتەن، مىللەت سۆيگۈسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

 

 

 

 

 

بۇ خەۋەر 181 قېتىم كۆرۈلدى
18/02/2026 18:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق