
پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى رامىزان ئېيىنى ئالاھىدە كۈتۈۋالغان بىر پەيتتە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىبادەتكە ئالاقىدار بارلىق سۆز-ھەرىكەتلىرىنى، پائالىيەتلىرىنى چەكلەپلا قالماي، خىتايلارنىڭ باھار بايرىمىنى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا مەجبۇرىي تەبرىكلەتكۈزمەكتە. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، خىتايلارنىڭ قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامەسى ئىچىدە ئۇسسۇل ئويناپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىغا، مۇقەددەس ئورۇنلىرىغا ھاقارەت قىلغان كۆرۈنۈشلىرى تارقىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.
لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم بىر نەچچە كۈن بۇرۇن تارقاتقان بىر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك قەدىمىي مەسچىت – قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ھويلىسىدا، يەنە كېلىپ ناماز ئوقۇلىدىغان جايدا بىر خىتاي خىپ-خوپ ئۇسسۇلى ئويناپ، بۇنى سىنغا ئېلىپ تارقاتقان. بۇ خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەردە ئىسلامغا ھاقارەت قىلغان تۇنجى قېتىملىق ئىشى ئەمەس.
يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە دىنىي باستۇرۇش قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ كەلمەكتە. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) 2020-يىلى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىگە ئاساسلىنىپ، خىتاينىڭ تەخمىنەن 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى چېقىۋەتكەنلىكىنى ياكى بۇزۇۋەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققانىدى. قۇرۇلمىسى ساقلىنىپ قالغان بىر قىسىم مەسچىتلەرنىڭمۇ خىتاي تەرىپىدىن بەزمىخانا، چايخانا، قەھۋەخانا قاتارلىق ئورۇنلارغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر قىسىم سىنلاردا ئاشكارىلانغانىدى.
نۆۋەتتە ھېيتگاھ جامەسىگە ئوخشاش ئاز بىر قىسىم مەسچىتلەر خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتى ئۈچۈن مۇزېي خاراكتېرىدە قالدۇرۇپ قويۇلغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن، ناماز ئوقۇشمۇ چەكلەنگەن. ھالبۇكى، خىتاي ئاققۇنلىرى، ساياھەتچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، ئېتىقادىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇقەددەس ئورۇنلارنى ھەتتا رامىزان مەزگىلىدە دەپسەندە قىلماقتا.