
ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ھەربىي مەسئۇلىيەت يۈكلەشكە تىرىشىۋاتقان، خىتايغا قارىتا بېسىمنى ئاشۇرۇۋاتقان نازۇك بىر ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ جەنۇبىي كورېيە بىلەن خىتاينىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى كېسىشىش نۇقتىسىدا خەتەرلىك تەرىقىدە يېقىنلىشىشى جىددىيچىلىك كەلتۈرۈپ چىقاردى.