
يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەتقىقات خىراجىتىدىكى بىر مىليارد دوللارغا يېقىن مەبلەغ خىتاي مۇداپىئە تەتقىقاتى سىستېمىسىغا چېتىشلىق تەجرىبىخانىلار بىلەن بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئاكادېمىك ھەمكارلىق تۈرلىرىگە سەرپ قىلىنغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى مۇستەقىل ئورگان «تەتقىقات بىخەتەرلىكى ۋە ئادىللىقى مەركىزى» ئېلان قىلغان مەزكۇر دوكلاتتا ئامېرىكىنىڭ تەتقىقات خىراجىتىنىڭ خىتاي ھەربىي سانائەت تەتقىقات سىستېمىسىنى قايسى دەرىجىدە ۋاسىتىلىك قوللايدىغانلىقى تۇنجى قېتىم كونكرېت سان-سىپىرلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ھەمكارلاشقان جەمئىي 1793 ئاكادېمىك ماقالىنىڭ ئاز دېگەندە 313 ى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلىغىگە ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئومۇمىي سوممىسى ئاز دېگەندە 943.5 مىليون دوللارغا يەتكەن بولۇپ، مەنبەلەرنىڭ تولۇق بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، ئەمەلىي رەقەمنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. مەبلەغ تەمىنلىگۈچى ئورگانلار ئامېرىكا دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا فوندى، ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى، ئۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشقان تەرەپلەر خىتاي رېجىمى بېكىتكەن 45 دۆلەت مۇداپىئە تەجرىبىخانىسىغا چېتىلىدىكەن. بۇ ھەمكارلىقلار يۆنىلىشلىك ئېنېرگىيە قوراللىرى، سۈنئىي ئەقىل، يۇقىرى ئىقتىدارلىق ھېسابلاش، ماتېرىيال ئىلمى، يادرو قوراللىرىنى تەقلىد قىلىش تېخنىكىسى ۋە ئاۋازدىن تېز سۈرئەت تېخنىكىسى قاتارلىق ھەربىي ئىقتىدارغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
مەزكۇر دوكلاتتا: «بۇلار كەلگۈسىدىكى ھەربىي ساھە ۋە جەڭ ئىقتىدارىنى تۈپتىن ئۆزگەرتەلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ساھەلىرىدۇر. خىتاي دۆلەت مۇداپىئە تەجرىبىخانىلىرى بولسا بۇ تەتقىقاتلاردىن بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشمەكتە» دېيىلگەن ۋە بىر نەچچە يىللىق ئىسلاھاتقا قارىماي، ئامېرىكىنىڭ تەتقىقات بىخەتەرلىكى سىياسەتلىرىنىڭ يەنىلا خىتاي ئارمىيەسىگە چېتىشلىق ئورگانلار بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئالاھىدە خەتەرلىك ھەمكارلىقلارنى توسۇشتا يېتەرلىك بولمىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان مەزكۇر دوكلاتتا ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ «2025-يىللىق تەتقىقات بىخەتەرلىكى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، ئامېرىكىنىڭ مەبلىغى ۋە تەتقىقاتلىرىنىڭ رىقابەتچى دۆلەتلەر تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.