
ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خىتاينىڭ 2020-يىلىدىكى مەخپىي يادرو سىنىقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لوپنۇر ناھىيەسىدە ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قورال-ياراغ كونترولى ۋە خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەشكە مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى كىرىستوفىر يوۋ 17-فېۋرال خادسىن ئىنستىتۇتىدا سۇنغان لېكسىيەسىدە خىتاينىڭ مەخپىي يادرو سىنىقى ھەققىدىكى بەزى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاپ، تەخمىنەن ئالتە يىل بۇرۇنقى يادرو سىنىقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ لوپنۇر ناھىيەسىدىكى سىناق رايونىدا ئىجرا قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىرىستوفىر يوۋ قازاقىستاندىكى بىر يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش پونكىتىنىڭ 2020-يىلى 22-ئىيۇن شەرقىي تۈركىستاننىڭ لوپنۇر ناھىيەسىدە 2.75 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئۆلچەپ چىققانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلارغا دىققەت قىلغانلىقىنى، بۇ تەۋرەشنىڭ كان ئاچقاندىكى پارتلىتىش ياكى يەر تەۋرەشكە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، بەلكى يادرو سىنىقىنىڭ ئالامەتلىرىگە دەل ماس كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش ئۈنۈمدارلىقىنى تۆۋەنلىتىدىغان بىر خىل تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، تاشقى دۇنيادىن بۇ سىناقنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ بۇلتۇر 11-ئايدىكى بىر تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ چوڭقۇر يەر ئاستىدا يوشۇرۇن يادرو سىنىقى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توماس دىناننو بولسا 6-فېۋرال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي قىسقارتىش سۆھبەت يىغىنىدا خىتاينىڭ 2020-يىلى مەخپىي يادرو سىنىقى قىلغانلىقىنى رەسمىي تەرىقىدە تەكىتلىگەنىدى.
ئەينى ۋاقىتتا مەخپىي يادرو سىنىقىنىڭ قەيەردە ئىجرا قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، شۇنداقلا يادرو ئىنژېنېرلىقى دوكتورى كىرىستوفىر يوۋ ئالدىنقى ھەپتىدىكى لېكسىيەسىدە يادرو سىنىقىنىڭ لوپنۇردا ئېلىپ بېرىلغانلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى.
خىتاي 1964-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا 50 قېتىمغا يېقىن يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان، خۇسۇسەن لوپنۇر رايونى ئېغىر يادرو بۇلغىنىشقا ئۇچرىغان. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار يادرو بۇلغىنىشى سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان ياكى غەلىتە كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان.
خىتاي زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ يادرو بۇلغىنىشىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لوپنۇردىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ يادرو سىناقلىرىنىڭ سەلبىي تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىپ، بۇنى «ئەينى ۋاقىتتا دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن بېرىلگەن قۇربانلىق» دەپ جار سېلىپ كەلمەكتە.