
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا ئىشلىرى مەسئۇلى ماروس سېفكوۋىچ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ خىتاينى «ئەڭ ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆلەتلەر» قاتارىدا تۇرغۇزۇش قائىدىسىنى قايتىدىن باھالاپ چىقىشى كېرەكلىكىنى، نۆۋەتتە خىتاي دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىۋاتقان مەزگىلدىمۇ، تۆۋەن تاموژنا بېجىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشنىڭ ئادالەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.