
خىتاي يەر تەۋرەش ئىستانسىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن (23-فېۋرال) ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10 دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە، لوپنۇر ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 40.88 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 84.17 گىرادۇس) 5.1 بال يەر تەۋرىگەن.
تەۋرەش چوڭقۇرلۇقىنىڭ 15 كىلومېتىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، لوپنۇر خەلقى كۈچلۈك تەۋرەشنى سەزگەندىن باشقا، ئۈرۈمچى، كورلا، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش ھېس قىلىنغان.
خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ھازىرچە ھېچقانداق ئۆلۈش-يارىلىنىش ياكى ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ ئۆرۈلگەنلىكى ھەققىدە دوكلات تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.