
ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى گىرېگ سىتۇبې 20-فېۋرال خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يىراقتىن نازارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش توغرىسىدا بىر قانۇن لايىھەسى سۇندى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، خىتاي قانۇنى بويىچە ياكى خىتايدىكى ھەر قانداق باشقۇرۇش ئىدارىسىدە قۇرۇلغان ۋە ياكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشقۇرۇشىدا، كونتروللۇقىدا بولغان ھەر قانداق شىركەتنىڭ تېخنىكا رۇخسىتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان ياكى ئۇلارغا تەۋە بولغان، يىراقتىن نازارەت قىلىش ئىقتىدارى بار ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىلىرىنى ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىش چەكلىنىدىكەن. بۇ چەكلىمىگە قەستەن خىلاپلىق قىلغۇچىلار ھەر بىر تۈركۈم مال ئۈچۈن بەش يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسىغا ۋە ياكى 250 مىڭ دوللاردىن تۆۋەن جەرىمانە تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىنىدىكەن.
سىتۇبې باياناتىدا: «ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پارلامېنتقا سۇنغان 2025-يىللىق دوكلاتىدا ئېنىق كۆرسىتىلگەندەك، ئامېرىكا خىتاينىڭ يىراقتىن نازارەت قىلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېلېكتىر تورىنى ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى كۆزىتىش خەۋپىگە چىداپ تۇرالمايدۇ» دېگەن.
ئامېرىكا پارلامېنتى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا يىللىق دوكلات سۇنۇپ، خىتاينىڭ ئىقتىساد، تېخنىكا ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا بولغان سىستېمىلىق خەۋپىنى تېخىمۇ تېزلىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ھەمدە پارلامېنتنى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى، تېخنىكا رىقابەت كۈچى ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغانىدى.