
خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بۈگۈن ياپونىيەنىڭ 20 شىركىتىنى ئىمپورت-ئېكسپورتنى كۆزىتىش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى قاتتىق يىرىكلىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە چىقىرىلغان بۇ قارارغا ياپونىيە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى.
خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتتا سۇبارۇ گۇرۇھى قاتارلىق ياپونىيەنىڭ 20 شىركىتىنىڭ ھەربىي-پۇقراۋى قوش ئىشلىتىشچان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاخىرقى خېرىدارىنى، ئاخىرقى ئىشلىتىلىش ئورنىنى تەكشۈرگىلى بولمايدىغانلىقى، بۇ سەۋەبلىك مەزكۇر تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بۈگۈنكى ئاخبارات يىغىنىدا بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ۋە بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ قارارنى چىقارغانلىقى، مەقسىتى بولسا ياپونىيەنىڭ قايتا قوراللىنىش ۋە يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش نىيىتىنى توسۇش ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالدى.
ياپونىيە ئىچكى كابىنېت ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كېئى ساتو خىتاينىڭ قارارىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى، بۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ياپونىيە تەرەپنىڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە خىتايدىن بۇ قارارنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ياپونىيە باش ۋەزىرى سانائې تاكائىچى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى داۋاملىق يىرىكلىشىۋاتقان بولۇپ، تاكائىچىنىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى پوزىتسىيەسى، خىتاي تەھدىتىنى تەكىتلىشى، ھەربىي خىراجەتنى ئاشۇرۇش ھەرىكەتلىرى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلماقتا.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئالدىنقى ھەپتە مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا: «ياپونىيە خەلقى رادىكال ئوڭچىل، ھەتتا مىلىتارىزمنى قايتا تىرىلدۈرۈشنى ئويلاۋاتقان كۈچلەر تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئەگەشتۈرۈلمەسلىكى، قايمۇقتۇرۇلماسلىقى كېرەك... ئەگەر ياپونىيە بۇ كونا يولغا قايتىشنى تاللىسا، پەقەت ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ» دەپ بىلجىرلىغانىدى. ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى بولسا خىتاينى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ دەۋالارنى «پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەس ۋە ئاساسسىز» دەپ رەت قىلغانىدى.