ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېخنىكا شىركەتلىرىنى خىتاي-تەيۋەن ئۇرۇشىدىن ئاگاھلاندۇرغان

ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئورگىنى ئەمەلدارلىرى 2023-يىلى 7-ئايدا كىرىمنىي جىلغىسىدىكى بىر ئىشخانىدا Apple، Nvidia،AMD  قاتارلىق بىر تۈركۈم تېخنىكا ماگناتلىرىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن مەخپىي يىغىن ئېچىپ، خىتاينىڭ 2027-يىلى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 24-فېۋرال ئېلان قىلغان ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 2023-يىلىدىكى ئۇ يىغىنغا ئەينى ۋاقىتتىكى مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) باشلىقى ۋىليام بۇرنس بىلەن دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ باشلىقى ئاۋرىل ھاينېس رىياسەتچىلىك قىلغان. ئىككىيلەن خىتاينىڭ ھەربىي چىقىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىپ ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش مەشىق سالمىقىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئالامەتلەر سەۋەبلىك 2027-يىلىدىكى خەتەرنى سەل چاغلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىكوت بېسېنت ئۆتكەن ئايدا داۋۇستا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، نۆۋەتتە ئىلغار ئۆزەكلەرنىڭ %97 نىڭ تەيۋەندە ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ يەر شارى ئىقتىسادى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ زور خەۋپ ئىكەنلىكىنى، ئەگەر تەيۋەن ئارىلى قورشاۋغا ئېلىنسا ياكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋەيران قىلىنسا، بۇنىڭ بىر «ئىقتىسادىي قىيامەت» بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.

يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتى جەمئىيىتى تەرىپىدىن 2022-يىلى تەييارلانغان بىر مەخپىي دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر تەيۋەننىڭ ئۆزەك تەمىناتى ئۈزۈلۈپ قالسا، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %11 تۆۋەنلەيدىكەن. بۇنىڭ چېكىنىش دەرىجىسى 2008-يىلدىكى مالىيە كىرىزىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى بولسا %16 كە يېتىشى مۇمكىن ئىكەن. يەنە بىر باھالاشتا مۆلچەرلىنىشىچە، يەر شارىۋى ئىقتىسادىي زىيان 10 تىرىليون دوللاردىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

ئىستىخبارات ساھەسىدىن كۈچلۈك سىگناللار چىققان بولسىمۇ، نۇرغۇن مەنبەلەرنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىنغا قاتناشقان تېخنىكا شىركەتلىرى زاكازلىرىنى دەرھال ئامېرىكا ئىچىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكىمىگەن. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا تەننەرخنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ چەكلىمىلىكى ئىكەن.

بۇ خەۋەر 70 قېتىم كۆرۈلدى
25/02/2026 17:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق