گېرمانىيە باش مىنىستىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى فىرېدرىچ مېرز 25-فېۋرال خىتاي زىيارىتى ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ بارغان بولۇپ، شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ۋە بىر قىسىم كېلىشىملەرنى تۈزگەن.

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مېرز بىلەن شى جىنپىڭ ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ قويۇق ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. مېرز بۇ قېتىملىق زىيارەتنى ئىقتىسادىي ئالاقىنى كۈچەيتىشتىكى ئېسىل پۇرسەت دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، شى جىنپىڭ مېرزغا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مېرزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇچرىشىش جەريانىدا شى جىنپىڭ يەنە تەيۋەن مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان. مېرز خىتاينىڭ تەيۋەنگە قورال كۈچى ئىشلىتىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ھەر قانداق «بىرلىككە كېلىش»نىڭ چوقۇم تىنچ يول بىلەن بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ قېتىملىق زىيارەت جەريانىدىكى سۆھبەت نەتىجىسىدە، خىتاي گېرمانىيەدىن ئەڭ كۆپ بولغان 120 Airbus ئايروپىلانى سېتىۋېلىشقا قوشۇلغان. مېرز يەنە باشقا توختاملار ھەققىدىمۇ سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ۋە تېخىمۇ ئادىل رىقابەت مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات يۈرگۈزۈشىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۆزگىرىش بولمىسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يېڭى سودا توقۇنۇشى يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ قېتىملىق زىيارەت مېرزنىڭ تۇنجى قېتىم باش مىنىستىرلىق سالاھىيىتى بىلەن خىتايغا بېرىشى بولۇپ، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، كانادا باش مىنىستىرلىرىدىن كېيىن يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينى زىيارەت قىلغان يەنە بىر غەرب دۆلىتى رەھبىرى بولۇپ قالدى.

بۇ خەۋەر 106 قېتىم كۆرۈلدى
26/02/2026 17:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق