ئىستانبۇلدىكى كىتاب يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇرچە كىتابلارمۇ ئورۇن ئالدى

 

تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسى تەرىپىدىن ھەر يىلى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان رامىزانلىق كىتاب يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇرچە كىتابلارمۇ ئورۇن ئالدى.

بۇ يىل رامىزانلىق كىتاب يەرمەنكىسى 43-قېتىملىقىغا قەدەم قويغان بولۇپ، 27-فېۋرال جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلاندى. كىتاب يەرمەنكىسى بۇرۇنقىدەكلا ئىستانبۇلدىكى مەشھۇر مەسچىتلەرنىڭ بىرى بولغان فاتىھ جامەسىنىڭ ھويلىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

يىللاردىن بۇيان نەشرىياتچىلىق ساھەسىدە ئاكتىپ، ئىزچىل خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئەۋلاد نەشرىياتى يەرمەنكە رايونىدىن مەخسۇس يەر ئېلىپ، مۇھاجىرەتتە نەشر قىلىنغان ياكى قايتا بېسىلغان ئۇيغۇرچە كىتاب-ژۇرناللار بىلەن يەرمەنكىگە قاتناشتى.  بۇ ئەۋلاد نەشرىياتىنىڭ مەزكۇر يەرمەنكىگە ئىككىنچى قېتىم قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىللىق رامىزانلىق كىتاب يەرمەنكىسى 27-فېۋرالدىن 17-مارتقىچە (ھەر كۈنى 10:30 دىن كەچ 23:00 كىچە) داۋاملىشىدىكەن.

شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشرىيات، مەتبۇئات، ئاخبارات، مائارىپ ساھەسى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنغان، چەكلەنگەن، مۇھاجىرەتتە بولسا ئۇيغۇر كىتابخانىلىرى ئارقىمۇ ئارقا تاقىلىپ قېلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، تۈركىيە دۆلەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان كىتاب يەرمەنكىسىگە ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ قاتناشتۇرۇلۇشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتا.

 

بۇ خەۋەر 101 قېتىم كۆرۈلدى
28/02/2026 15:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق