
ياپونىيە سىياسەت سەھنىسىدە چاقناۋاتقان ئۇيغۇر قىز ئەرفىيە ئېرى (ئەلى)نىڭ ئارقىمۇ ئارقا پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىشى ۋە مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇلۇشى، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئاساسلىق تەشۋىقات ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» ئالدىنقى ھەپتە مەخسۇس ۋىدىيو ئىشلەپ، ئەرفىيەگە ھۇجۇم قىلدى ۋە «شىنجاڭ زەھىرى» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن ھاقارەت قىلدى.
مەزكۇر ۋىدىيودا ئەرفىيەنىڭ تەرجىمىھالى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغاندىن سىرت، ئۇنىڭ مىللىي كىملىكىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتايغا توختىماي قارا سۈركىگەنلىكى، خىتايغا قارشى تاراتقۇلار ۋە «مۇستەقىللىق كۈچلىرى» بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، خىتايغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى قاتتىق ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەنلىكى، شۇنداقلا خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدىمۇ خىتايغا قارشى مەيدانىنى ئاشكارا بىلدۈرۈپ كەلگەنلىكى دېگەندەك بايانلار ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئەرفىيەگە «يىرگىنىشلىك چىراي» دېگەندەك ھاقارەت ئىبارىلىرى ئىشلىتىلگەن.
ۋىدىيودا يەنە باش ۋەزىر سانائې تاكائىچىنىڭ ئەرفىيەنى باشتىن-ئاخىر قوللاپ كەلگەنلىكى ۋە مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويغانلىقى، ئەرفىيەنىڭمۇ تاكائىچىنىڭ قەدەملىرىگە ماسلاشقانلىقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى ۋە كونسېرۋاتىپ مەيدانى سەۋەبلىك، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى خىتايغا قارشى بىر قارتا سۈپىتىدە قوللىنىۋاتقانلىقى قاتارلىق بىلجىرلاشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ۋىدىيودىكى مەزمۇنلارنى خىتاينىڭ كۆپلىگەن تەشۋىقات ئورگانلىرى ھەمبەھرىلەپ تارقاتقان.
بۇلتۇر 10-ئايدا سانائې تاكائىچى ياپونىيە باش ۋەزىرى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر سىياسىيون ئەرفىيە ياپونىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىكى ۋەزىپىسىگە قايتا تەيىنلەنگەنىدى. ئۇ يەنە ئالدىنقى ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋام پالاتاسى سايلىمىدا ئۈچىنچى قېتىم ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغانىدى. ئەرفىيە بۇلتۇر 12-ئايدا ياپونىيەگە زىيارەتكە بارغان تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ پىرېزىدېنتلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان ئەمەلدارلاردىن بىرى بولۇپ، بۇندىن كېيىنكى سىياسىي ھاياتىدا ياپونىيە بىلەن تۈرك-ئىسلام دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغانلىقى روشەن گەۋدىلەنگەنىدى.
خىتاي ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان، بارلىق ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، كۆچمەن ئەۋلادى بولغان بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ياپونىيەدە سىياسىي سەھنىگە چىقالىشى ۋە مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇلۇشى خىتاينىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان بىر شاپىلاق بولغان ۋە قاتتىق بىئارام قىلغان. نۆۋەتتە ياپونىيە-خىتاي دىپلوماتىك كىرىزىسى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، خىتاي ھەم ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن، ھەم كۆزىگە مىخ بولۇپ قادالغان بىر ئۇيغۇر سىياسىيوندىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى نومۇسسىزلارچە ئىشقا سالماقتا.