
خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك قەدىمىي مەسچىتلەرنىڭ بىرى بولغان بەيتۇللاھ مەسچىتىنى چېقىپ، خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە مەسچىت ئەتراپى قورشىلىپ، چېقىشقا تەييار قىلىنغان.
يېقىندا ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىگە يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، غۇلجا دىيارىدىكى ئىككى يېرىم ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە بەيتۇللاھ مەسچىتى «ئەرەب ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇشلارنى ئۆزگەرتىش» باھانىسى بىلەن، چېقىلىش تەقدىرىگە دۇچ كەلگەن. خىتاي مەزكۇر مەسچىتنى خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، غۇلجا خەلقىنى مەسچىتنىڭ چېقىپ ئۆزگەرتىلىشىگە رازىلىق بىلدۈرگەن ھۆججەتكە مەجبۇرىي ئىمزا قويدۇرغان.
بەيتۇللاھ مەسچىتى 1773-يىلى سېلىنغان بولۇپ، 1865-يىلى بىر قېتىم كېڭەيتىلگەن، 1981-يىلى رېمونت قىلىنغان. خۇددى قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامەسىگە ئوخشاشلا بەيتۇللاھ مەسچىتىمۇ ساياھەتچىلەرنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن خىتاينىڭ ۋەيران قىلىشىدىن ۋاقتىنچە ئامان قالغان بولۇپ، يىللاردىن بۇيان ساياھەت نۇقتىلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن. ئەمما بەيتۇللاھ مەسچىتى خىتاينىڭ دىنىي، تارىخىي ناملارنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىش جىنايىتىنىڭ نەتىجىسىدە، ئون نەچچە يىل ئىلگىرى «جەنۇبىي ئازاد يولى مەسچىتى»گە ئۆزگەرتىۋېتىلگەن.
ئالاقىدار دوكلاتلاردا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا 16 مىڭغا يېقىن مەسچىتنى چېقىۋەتكەنلىكى ياكى بۇزۇۋەتكەنلىكى پاش قىلىنغان بولۇپ، ھەقىقىي ۋە ئەڭ يېڭى رەقەمنىڭ بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس. ھېيتگاھ جامەسى، بەيتۇللاھ مەسچىتىگە ئوخشاش مەشھۇر مەسچىتلەر خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىقى ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويۇلغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» تېررور سىياسىتىگە ئاساسەن، نۆۋەتتە يەنىلا ۋەيران قىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.