
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىش، خىتاي ئاققۇنلىرىنى تۈركۈملەپ يۆتكەش جىنايىتى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل ئاتالمىش «غەربىي يۇرت پىلانى» بويىچە 60 مىڭ خىتاينى «پىدائىي» نامىدا يۆتكەش پىلانلانغان.
خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ 2-مارتتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىللىق ئاتالمىش «غەربىي يۇرت پىلانى»غا خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى تىزىملاش باشلانغان بولۇپ، 60 مىڭ كىشى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت قاتارلىق جايلاردا خىزمەت قىلىدىغانلىقى، «غەربىي يۇرت پىلانى» يولغا قويۇلغان 23 يىلدىن بۇيان، 600 مىڭ خىتاينىڭ «پىدائىي» بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي رېجىمىنىڭ خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا تۈركۈملەپ يەرلەشتۈرۈش باھانىسى بۇلا بولۇپ قالماستىن، ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلارنى يۆتكەش»، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» قاتارلىق ناملاردا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يۇقىرى تەمىنات، ئالاھىدە ئىمتىيازلار بىلەن زور تۈركۈمدە شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش جىنايىتى ۋە تەشۋىقاتلىرى ئىزچىل داۋاملاشماقتا.
يەنە بىر تەرەپتىن جازا لاگېرى ياكى تۈرمىلەرنىڭ سىرتىدا قالغان ئۇيغۇرلار «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش»، «نامراتلىقنى تۈگىتىش»، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەندەك ناملار ئاستىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا.