خىتاي ChatGPT دىن پايدىلىنىپ، چەت ئەلدىكى قارشى ئاۋازلارنى باستۇرغان

سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى شىركىتى OpenAI نىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى ChatGPT نى «ئالاھىدە تور جېڭى» ھەرىكىتى ئۈچۈن ئىشلەتكەن بولۇپ، ياپونىيە باش ۋەزىرى سانائې تاكائىچىغا قارا چاپلاش پىلانى تۈزۈش، «ئالاھىدە تور جېڭى» ھەرىكىتىنى تەھرىرلەش، پەردازلاش ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات چىقىرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

OpenAI شىركىتى ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان «مودېللىرىمىزدىن يامان غەرەزلىك پايدىلىنىش قىلمىشلىرىنى توسۇش» ناملىق دوكلاتىدا بىر خىتاي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىمنىڭ ChatGPT نى كۈندىلىك خىزمەت خاتىرىسى سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلىكى، مەزكۇر سۇپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيە باش ۋەزىرى تاكائىچىغا قارىتىلغان بىر يوشۇرۇن تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى پىلانلىغانلىقى، شۇنداقلا خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى «دۈشمەن» دەپ قارالغان شەخسلەرگە قارىتىلغان يوشۇرۇن تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ قەرەللىك خىزمەت دوكلاتىنى تەھرىرلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئاشكارىلىغان. OpenAI شىركىتى مەزكۇر خىتاينىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى چەكلىۋەتكەن. خىتاينىڭ «ئالاھىدە تور جېڭى» ھەرىكىتىنىڭ كۆلىمى غايەت زور، ئاجرىتىلغان خىراجەت ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقان.

دوكلاتتا ئاشكارىلانغان تەپسىلاتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي خادىم ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئەمەلدارى سالاھىيىتىگە كىرىۋېلىپ، ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىگە تەھدىت سالغان. بۇ جەرياندا يەنە ChatGPT دىن ئامېرىكا سوت مەھكىمىسىنىڭ ساختا ھۆججەتلىرىنى ياساپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

OpenAI شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى تاكائىچىغا قارىتىلغان ھەرىكەتتە، مەزكۇر خىتاي خادىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تاكائىچىغا زەربە بېرىدىغان سۆز-چۆچەكلەرنى تارقىتىش، ئۇنىڭ كۆچمەنلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلەش، چەت ئەللىك مۇھاجىر سالاھىيىتىگە كىرىۋالغان ساختا ھېسابلار ئارقىلىق ياپونىيە سىياسىيونلىرىغا شىكايەت يوللاش، تاكائىچىنى «ئاشقۇن ئوڭچىل» دەپ ئەيىبلەش قاتارلىقلارنى پىلانلىغان. ئەمما ChatGPT بۇ بۇيرۇقلارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

مەزكۇر دوكلات ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئامېرىكا-خىتاي كومپارتىيەسى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلىنغان ئوخشاش كۈندە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، چەت ئەللەردىكى ئۆكتىچى شەخسلەرنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى «سانائەتلەشتۈرۈش» ئىكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن.

بۇ خەۋەر 74 قېتىم كۆرۈلدى
04/03/2026 23:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق