يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي باستۇرۇش ئەيىبلەندى

ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 4-مارت يىللىق دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا دىنىي ئەركىنلىكنى داۋاملىق باستۇرغانلىقى تەكىتلەندى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خىتاينى داۋاملىق دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەر قاتارىغا تىزىش ۋە دىنىي باستۇرۇشقا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈش تەۋسىيە قىلىندى.

دوكلاتنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار قىسمىدا «داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىبارىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ دىنىي باستۇرۇشنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى، كەم دېگەندە يېرىم مىليون ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈرك خەلقىنىڭ تۈرمە ياكى جازا لاگېرىغا قامالغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ۋە ئاسسىمىلياتسىيە مەقسەت قىلىنغان ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ كېڭەيتىلگەنلىكى، تۈرلۈك سىياسەتلەر ئارقىلىق دىنىي ھايات ۋە مىللىي كىملىكىگە چەكلىمە قويۇلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ تىبەتتىكى ۋە باشقا رايونلاردىكى ھەرقايسى دىنىي گۇرۇپپىلارنى باستۇرۇش، دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇش، تور دۇنياسىدا دىنىي مەزمۇنلارغا قاتتىق چەكلىمە قويۇش ۋە نازارەت قىلىش، دۆلەت ھالقىپ قارشى ئاۋازلارنى باستۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلىرىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە دىنىي باستۇرۇش قاتتىق ۋە كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، ئىسلامغا ئالاقىدار ھەرقانداق سۆز-ھەرىكەت، ئىش-پائالىيەتلەر پۈتۈنلەي چەكلەنگەن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى رامىزان ئېيىنى ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس بولۇپلا قالماي، ئەكسىچە خىتايلارنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلانماقتا.

بۇ خەۋەر 72 قېتىم كۆرۈلدى
05/03/2026 14:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق