
بۈگۈن بېيجىڭدا خىتاينىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى باشلانغان بولۇپ، يىغىندا خىتاينىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانى %5-%4.5 قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ 30 نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانىنى تۇنجى قېتىم %5 تىن تۆۋەن بېكىتىشى ھېسابلىنىدىكەن.
ئالاقىدار خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ئالدىنقى ئۈچ يىلدا ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانىنى ئىزچىل %5 قىلىپ بېكىتىپ كەلگەن. بۇ يىللىق مۆلچەر ھەققىدە تۈرلۈك ئانالىزلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلگەن بىر ۋەزىيەتتە، خىتاينىڭ يىللىق نىشانىنى ئېلان قىلىشى خىتاي ئىقتىسادىغا دىققەت قىلىۋاتقانلارنى، ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە تۈزگۈچىلەرنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن.
بۇ رەقەم خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، ئالدىنقى بىر يىلدا تىرامپ ھۆكۈمىتى قوزغىغان تاموژنا بېجى ئۇرۇشى، خىتايدىكى ئېھتىياجدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسى، ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى، ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئېشىشى قاتارلىق مەسىلىلەر خىتاينىڭ ئاساسلىق باش قېتىنچىلىقى بولغان.
بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاي بۇ يىللىق ھەربىي خىراجىتىنى %7 ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ يىلدا ھەربىي خىراجىتىنى ئىزچىل %7.2 ئاشۇرۇپ كەلگەن. ھالبۇكى، ئامېرىكا ئۇرۇش مىنىستىرلىقى ئىلگىرىكى بايانلىرىدا خىتاينىڭ ئەمەلىي ھەربىي خىراجىتىنىڭ ئېلان قىلىنغان رەقەمدىن %90-%40 ئەتراپىدا يۇقىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.