CAIR خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي باستۇرۇشىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئىسلامىي تەشكىلات «ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى» (CAIR) 6-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى روزا ئىبادىتىنى چەكلەش جىنايىتىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى ئورگان تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ئىبادىتىنى چەكلەش جىنايىتىنى توختىتىشنى، بۇ يىللىق رامىزان ئېيىدا روزا تۇتقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ئالتە ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.

باياناتتا يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش جىنايىتىنى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرىلا توختىتىش كېرەكلىكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىن بۇ جىنايەتلەرنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا ئەركىن ئاسىيانىڭ ئالاقىدار خەۋىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، خەۋەردە بۇ يىل رامىزان ئېيىدا خوتەندىكى بىر قانچە يېزىدا ئالتە ئۇيغۇرنىڭ روزا تۇتقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى. ھالبۇكى، بۇ پەقەت قىيىن ئۇسۇللار بىلەن دەلىللىنىش مۇمكىنچىلىكى بولغان رەقەم بولۇپ، پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاندا بۇ يىلمۇ روزا ئىبادىتى تامامەن چەكلىنىپلا قالماي، بارلىق ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلانماقتا.

ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىزچىل ئاۋاز چىقىرىپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، دىنىي باستۇرۇشلىرىنى كۆپ قېتىم ئەيىبلىگەنىدى.

بۇ خەۋەر 78 قېتىم كۆرۈلدى
07/03/2026 13:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق