خىتاي خاككېرلىرىنىڭ FBI ئىچكى تورىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكىنىڭ تەكشۈرۈش خادىملىرى خىتاي رېجىمىغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ ئىچكى كومپيۇتېر تورىغا سۇقۇنۇپ كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، ھۇجۇم قىلىنغان سىستېمىدا ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قىسىم نازارىتى بۇيرۇقلىرىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلار ساقلانغانىكەن.

ۋال كوچىسى ژۇرنىلىنىڭ 6-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىملىق تور ھۇجۇمىنىڭ دائىرىسى ۋە قانچىلىك ئېغىرلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ھازىرچە دەسلەپكى تەكشۈرۈش باسقۇچىدا ئىكەن.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، FBI  يېقىندا قىسمەن پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، مەزكۇر تەكشۈرۈشنىڭ ئۆتكەن ئايدا باشلانغانلىقىنى،FBI  نىڭ زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بۇ ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تاراتقۇلارنىڭ يوللىغان سوئاللىرىغا تېخى جاۋاب قايتۇرمىغان.

FBI غا قارىتىلغان بۇ قېتىملىق ھۇجۇمنىڭ خىتاينىڭ «تۇز بورىنى» دەپ ئاتالغان تور ھۇجۇمى ھەرىكىتىگە تەۋە ياكى ئەمەسلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن. «تۇز بورىنى» بولسا كەم دېگەندىمۇ 2019-يىلى باشلانغان، ئامېرىكا دائىرىلىرى بەش يىلدىن كېيىن ئاندىن بايقىيالىغان ۋە 80 نەچچە دۆلەتكە تارقالغان خاككېرلىق ھەرىكىتى بولۇپ، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن «تارىختىكى ئەڭ ئېغىر ئىستىخبارات مەغلۇبىيەتلىرىدىن بىرى» دەپ سۈپەتلەنگەن.

نۆۋەتتە ئاقساراي، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى،  ۋەتەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇل ئەسلىھە بىخەتەرلىكى ئىدارىسى ۋە شۇنداقلا فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلار بۇ قېتىملىق تور ھۇجۇمىغا قارىتا بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئىجرا قىلماقتىكەن.

بۇ خەۋەر 97 قېتىم كۆرۈلدى
07/03/2026 14:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق