ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 6-مارت سەفاكۆيگە جايلاشقان ۋېنۇس مەرىكە زالىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتكە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، تەشكىلات مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى، تۈركىيەدىكى بىر قىسىم سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.

قۇرئان تىلاۋىتىدىن كېيىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا قىسقىچە سۆز قىلىپ، مۇبارەك رامىزان ئېيىدىن پايدىلىنىپ، قېرىنداشلىقنى، بىرلىك-ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

ئىپتاردىن كېيىن يەنە سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەرۋاقىت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

ئاخىردا پائالىيەت ئۇستاز ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ باشچىلىقىدىكى ئوپچە دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.

بۇ خەۋەر 109 قېتىم كۆرۈلدى
07/03/2026 16:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق