
ئالدىنقى ھەپتە خىتايدا باشلانغان 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىدا ئاسسىمىلياتسىيە ۋە باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغان بىر قانۇن لايىھەسى ئاساسلىق مۇزاكىرە نۇقتىلىرىدىن بىرى بولغان بولۇپ، ئاساسلىق ئۇيغۇرلار قاتارلىق تۈرك مىللەتلىرىگە ۋە تىبەتلەرگە قارىتىلغان بۇ ھەرىكەت خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ئالاقىدار خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» دەپ ئاتالغان مەزكۇر لايىھەدە خىتايچىدىن باشقا تىللارنىڭ ئورنىنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىش، مىللەتلەر ئارا توي قىلىشقا قارشى ھەرقانداق ھەرىكەتنى قاتتىق چەكلەش، خىتايلارنى باشقا مىللەتلەر بىلەن توي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش» دەپ قارالغان ھەرقانداق ئىش-ھەرىكەتلەرنى چەكلەش قاتارلىقلار مەقسەت قىلىنغان.
مۇتلەق كۆپ قىسىم مىللەتلەر خىتايلار تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىپ بولغان بىر ۋەزىيەتتە، مەزكۇر قانۇننىڭ ئاساسلىق ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرگە، خۇسۇسەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار باشلىق تۈرك مىللەتلىرىنى نىشانلىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە.
ھالبۇكى، خىتاي بۇ قانۇننى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىن ئىلگىرىكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا خىتايچىدىن باشقا تىل-يېزىقنى چەكلەش، ئۆسمۈرلەرنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ خىتايلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى ئاتالمىش «مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش» قاتارلىق نومۇسسىزلارچە باھانە بىلەن قاتتىق ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە.
شۇنداقتىمۇ، ئانالىزچىلار خىتاينىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىكى مەقسىتىنىڭ بۇندىن ئىلگىرىكى جىنايەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەپ ئىجرا قىلىشتەك بىر سىگنال بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.