خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ فوندىنى توختىتىش تەلەپ قىلىندى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتى رەئىسى جون مۇلېنار ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىلىم-پەن فوندىغا (NSF) مەكتۇپ يوللاپ، خىتاينىڭ ھەربىي قىسىم تەتقىقاتچىلىرى بىلەن ھەمكارلىقى بار، دەپ قارالغان ئىككى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىلىدىغان فوندنى توختىتىشنى ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىقات بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، جون مۇلېنار 10-مارت ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىلىم-پەن فوندىغا يوللىغان مەكتۇپىدا، ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تېكساس يېزا ئىگىلىك ۋە مېخانىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «پۈتكۈل ئامېرىكا تەتقىقات سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش» تۈرىنىڭ فوندىغا ئېرىشكەنلىكىنى، ئەمما بۇ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ خىتاي ئارمىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتچىلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى قەيت قىلغان ۋە خىتاي بىلەن بولغان 12  تۈرلۈك ئالاھىدە خەتەرلىك تەتقىقات ھەمكارلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.

مۇلېنار ئامېرىكا تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ ئوچۇق بولۇش پوزىتسىيەسىنىڭ دۈشمەن كۈچلەر تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەھۋال داۋاملاشسا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىلىق ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلارنى ئاشكارىلانمىغان چەت ئەل مەبلىغى ۋە خىتاي بىلەن بولغان گۇمانلىق ھەمكارلىقلارنى پاش قىلىشقا چاقىرغان.

خىتاينىڭ چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى فوند بىلەن تەمىنلەش، تەتقىقات ھەمكارلىقى ئورنىتىش، كۆپلەپ خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى يوللاش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، ئاكادېمىك ساھەگە قول تىقىش، سەزگۈر تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوغرىلاش، ئۆزىگە قارشى ئاۋازلارنى بېسىقتۇرۇش قاتارلىق قىلمىشلىرى بارغانسېرى دىققەت تارتىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتمەكتە.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتى ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى فوند بىلەن تەمىنلىشىدىكى يامان غەزىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ۋە پارلامېنتنى «بىخەتەر تەتقىقات قانۇن لايىھەسى» ۋە «چەت ئەلنىڭ تەتقىقات ۋە مائارىپقا قول تىقىشىنى توسۇش قانۇن لايىھەسى»نى تېزدىن ماقۇللاشنى تەلەپ قىلغانىدى. ئەنگلىيەنىڭ ھەربىي ئىستىخبارات 5-باشقارمىسىمۇ ئالدىنقى ئايدا ئەنگلىيەدىكى 70 تىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرىنى يىغىپ، ئۇلارنى خىتاي قاتارلىق دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ تەھدىتلىرى ۋە تەكشۈرۈشىدىن مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىشكە چاقىرغانىدى.

بۇ خەۋەر 115 قېتىم كۆرۈلدى
12/03/2026 13:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق