ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا رامىزان ئېيى تېخىمۇ ئېغىر باستۇرۇش، نازارەت ئاستىدا ئۆتۈۋاتقان، خىتاي بارلىق ئىبادەتلەرنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلىگەن بىر ۋەزىيەتتە، خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىپ، كۆز بويامچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى.
خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئورگان تور بېتىدىكى خەۋەردە، ئالدىنقى ھەپتە ئىستانبۇل باش كونسۇلى ۋېي شياۋدۇڭنىڭ خىتايلارنىڭ يېڭى يىل بايرىمى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىرلىرى»نىڭ ئۆيىگە ۋە شىركەت-كارخانىلىرىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگەنلىكى، ھال سورىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە ۋېي شياۋدۇڭنىڭ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلىگەنلىكى، ئۇلارنى ئاتالمىش «ۋەتەننى سۆيۈش، يۇرتىنى سۆيۈش ئەنئەنىسى»نى جارى قىلدۇرۇشقا، خىتاي ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈرگەنلىكى دەۋا قىلىنغان.
خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاش ئۈچۈن، جىددىي ھەرىكەت قىلماقتا. جۈملىدىن مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇش، ياشلار سالونى ئۆتكۈزۈش، ئۇيغۇرلارنى ۋەتەنگە قايتىپ تۇغقان يوقلاشقا تەشكىللەش قاتارلىق پىلانلىرىنى يېقىنقى بىر نەچچە ئايدا تولۇق ئىجرا قىلغان.
رامىزان ئېيى يېتىپ كېلىشى بىلەن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، خۇسۇسەن دىنىي باستۇرۇشلىرى خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان بولۇپ، تۈرك، ئەرەب دۇنياسىدىكى تەسىرگە ئىگە بىر قىسىم تور مەشھۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشى ۋە ئالاقىدار مەزمۇنلارنىڭ ئالاھىدە كۆپ كۆرۈلۈشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلماقتا ۋە بۇنىڭغا قارشى تېپىرلىماقتا. خىتاي باش كونسۇلىنىڭ بۇ قېتىملىق كۆز بويامچىلىق ھەرىكىتى بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.