تىرامپ-شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن تەيۋەنگە قورال سېتىش پىلانلانغان

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە «ۋەتەنپەرۋەر-3» تىپلىق ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئومۇمىي قىممىتى 14 مىليارد دوللارغا يېتىدىغان قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، تىرامپ-شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن تەستىقلىنىدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 13-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىملىق قورال سېتىش پىلانى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ بۇ ئاينىڭ ئاخىرى بېيجىڭغا بېرىپ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن ۋاقتىنچە مەخپىي تۇتۇلىدىكەن ۋە ئۇ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قورال سېتىۋېلىش پىلانى بويىچە ئامېرىكا بىلەن دەسلەپكى ماسلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ سېتىۋېلىش تۈرلىرى ۋە يەتكۈزۈپ بېرىش ۋاقىت جەدۋىلىنى تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاقساراي تىرامپنىڭ 31-مارتتىن 2-ئاپرېلغىچە خىتايغا زىيارەتكە بېرىپ، شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، خىتاي تەرەپ تېخى بۇنى جەزملەشتۈرمىگەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى مالىيە مىنىستىرى بېسېنت بىلەن سودا ۋەكىلى جېمىسون گىرىرنىڭ 15-، 16-مارت كۈنلىرى پارىژدا خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خې لىفېڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ ئاي ئاخىرىدىكى «تىرامپ-شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشى» ئۈچۈن يول ئېچىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇلتۇر دېكابىردا تەيۋەنگە قىممىتى 11.1 مىليارد دوللارغا يېتىدىغان، تارىختىكى ئەڭ زور سوممىلىق قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش قارارىنى تەستىقلىغانىدى.

بۇ خەۋەر 78 قېتىم كۆرۈلدى
13/03/2026 16:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق