خىتاينىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى» خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى

خىتاي رېجىمى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نى تەستىقلىغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. دۇنيادىكى پۈتكۈل نوپۇزلۇق تاراتقۇلار بۇ ھەقتە بەس-بەستە خەۋەر ئېلان قىلغاندىن سىرت، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، سىياسىيونلار، پائالىيەتچىلەر بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى.

ئالدىنقى ھەپتە باشلىنىپ بۇ ھەپتە ئاياغلاشقان خىتاينىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىدا ئاسسىمىلياتسىيە ۋە باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، 12-مارت رەسمىي «ماقۇللانغان».

ئانالىزچىلار مەزكۇر قانۇننىڭ ئاساسلىق ئۇيغۇر، تىبەت، قاتارلىق مىللەتلەرنى نىشانلىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بولۇپ، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان BBC، رويتېرس ئاگېنتلىقى، بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى، مۇھاپىزەتچى گېزىتى، گېرمانىيە ئاۋازى... قاتارلىق خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدا مۇھىم كۈنتەرتىپكە ئايلاندى.

ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»دا خىتايچىدىن باشقا تىللارنىڭ ئورنىنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىش، خىتايچىنى تولۇق ئومۇملاشتۇرۇش، خىتايلارنى باشقا مىللەتلەر بىلەن توي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، مىللەتلەر ئارا توي قىلىشقا قارشى ھەرقانداق ھەرىكەتنى قاتتىق چەكلەش، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش» دەپ قارالغان ھەرقانداق ئىش-ھەرىكەتلەرنى چەكلەش، ئاتالمىش «قالاق ئۆرپ-ئادەتلەر»نى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار تەكىتلەنگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى 13-مارت X ھېسابىدىكى يازمىسىدا ئالىي كومىسسار ۋولكېر تۈركنىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»دىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى ئۇنىڭدا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى قانۇنىي شەكىلدە كۈچەيتىش خەۋپى بارلىقىنى، «ئاز سانلىق مىللەتلەر» تىلىدىكى مائارىپنى ۋە دىن، مەدەنىيەت ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتىمۇ ئوخشاش كۈندە ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاي ئوتتۇرىغا چىقارغان ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نىڭ ئەمەلىيەتتە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان (1984 رومانىدىكى) ئورۋېلچە خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر نىقابى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي بۇ قانۇننى ماقۇللاشتىن ئىلگىرىمۇ شەرقىي تۈركىستاندا خىتايچىدىن باشقا تىل-يېزىقنى چەكلەش، ئۆسمۈرلەرنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ خىتايلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، دىنىي ئېتىقادىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى يىللاردىن بۇيان قاتتىق ئىجرا قىلىپ كەلگەنىدى. نۆۋەتتە بۇ جىنايەتلەرگە رەسمىي يوسۇندا قانۇنىي نىقاب كىيدۈرۈلۈشى خەلقئارانىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىماقتا.

بۇ خەۋەر 98 قېتىم كۆرۈلدى
14/03/2026 12:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق