تىرامپ ھورمۇز بوغۇزى ھەققىدە خىتاينى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا ۋە خىتايغا بېسىم چۈشۈرۈپ، ھورمۇز بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولۇپ، بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىنكى خىتاي زىيارىتىنى كېچىكتۈرۈشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە خىتاينى ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى مالىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەگەر ناتو ئەزالىرى ئامېرىكىنىڭ ئىران تەرىپىدىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك قامال قىلىنغان ھورمۇز بوغۇزىنى قايتا ئېچىشىغا ياردەم بەرمىسە، ناتونىڭ  ئىنتايىن يامان ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر خىتاي بۇ ھەقتە ھەرىكەت قوللانمىسا، 4-ئاينىڭ بېشىدا بېيجىڭدا شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن.

تىرامپ خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق نېفىتىگە تايىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ھورمۇز بوغۇزىدىن مەنپەئەتلىنىۋاتقانلار ئۇ يەردە ھېچقانداق يامان ئىشنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ياردەم بېرىشى كېرەك» دېگەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى شەنبە كۈنى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي بولغان ھورمۇز بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بىر دۆلەتلەر ئىتتىپاقى قۇرۇشنى چاقىرىق قىلىپ، خىتاي، فىرانسىيە، ياپونىيە، ئەنگلىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئەمما ھازىرغىچە ھېچقانداق دۆلەت ئامېرىكىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىغان.

ئىران تەرەپ بولسا باشقا دۆلەتلەرنى بۇ ئۇرۇشقا ئارىلاشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى CBS نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا بىلەن سۈلھى ئۆتكۈزۈشكە ھېچقانداق سەۋەب يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 86 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2026 15:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق