
13-مارت بېيجىڭدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» ۋە دىۋىزىيە گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى 2026-يىللىق مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانغا مەبلەغ سېلىشىغا ئالاقىدار يىغىن ئېچىلغان بولۇپ، مەبلەغ سوممىنىڭ 170 مىليارد يۈەنگە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، يىغىندا خىتاينىڭ «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە جەمئىي 1 تىرىليون 90 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. سۆھبەت يىغىنىدىن ئىلگىرى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» ۋە دىۋىزىيە 18 مەركەز كارخانىسى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. بۇلار ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، ھېسابلاش ئىقتىدارى، ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 92 تۈرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا تەخمىنەن 170 مىليارد يۈەن كەسىپ سېلىنمىسىنى تاماملاش مۆلچەرلەنگەن.
خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى مەزكۇر پىلان ۋە كېلىشىملەرنى بۇرۇنقىدەكلا ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، گۈللەندۈرۈش» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن پەردازلىغان بولسىمۇ، ئىمزالانغان تۈرلەرگە ئاساسلانغاندا يەنىلا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قېزىلما بايلىقىنى ۋە ئېنېرگىيە بايلىقىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە تالان-تاراج قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىكەن.