شى جىنپىڭنىڭ ھەربىي ساھەدىكى «تازىلاش ھەرىكىتىدە» ئاكادېمىكلارمۇ نىشانلانغان

شى جىنپىڭ يانۋار ئېيىدا خىتاي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى جاڭ يوۋشيا قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلارنى كۆزدىن يوقىتىش بىلەنلا كۇپايە قىلمىغان بولۇپ، يېقىندا يەنە ھەربىي ساھەدىكى ئاكادېمىكلارنىڭمۇ «تازىلىنىش» تەقدىرىگە دۇچ كېلىشى دىققەت قوزغىدى.

ئالدىنقى كۈنلەردە خىتاي قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ رەسمىي تور بېكىتىدىكى «بارلىق ئاكادېمىكلار تىزىملىكى» يېڭىلانغان بولۇپ، ئىلگىرى ھەربىي سانائەت گۇرۇھلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ئۈچ نەپەر ئاكادېمىكنىڭ ئىسمى ۋە تەرجىمىھالى تور بەتتىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقى ئۈچ كىشى ۋۇ مەنچىڭ، جاۋ شيەنگېڭ ۋە ۋېي يىيىن بولۇپ،  ۋۇ مەنچىڭ ئىلگىرى خىتاي قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان ۋە 2025-يىلى 7-ئايدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. ئۇ يەنە خىتاي ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ سابىق باش دىرېكتورى بولۇپ، رادار تېخنىكىسى ۋە تور ئۇچۇر سىستېمىسى مۇتەخەسسىسى ئىكەن.

جاۋ شيەنگېڭمۇ ئىلگىرى خىتاي قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇ خىتاي يادرو قوراللىرى تەتقىقاتىدىكى ئاساسلىق تېخنىكا مەسئۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مۇداپىئە ساھەسىدىكى نۇرغۇن مۇھىم ۋەزىپىلەرگە مەسئۇل بولغان.

ۋېي يىيىن بولسا خىتاي ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش دىرېكتورى. ئۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا لايىھەلەش ۋە يېتەكلەش تېخنىكىسى ساھەسىدىكى يېتەكچى مۇتەخەسسىس ئىكەن.

مىڭباۋ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئۈچ كىشىنىڭ ئاكادېمىكلىقتىن چىقىرىۋېتىلىشى ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى ئۈچ يىلدا خىتايدا ئاز دېگەندە توققۇز ئاكادېمىك تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈلگەن.

2022-يىلى بېكىتىلگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك خىتاي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە، كومىتېت رەئىسى شى جىنپىڭدىن باشقا پەقەت جاڭ شېڭمىنلا قېلىپ قالغان بولۇپ، قالغان بەش ئەزانىڭ ھەممىسى يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە شى جىنپىڭ تەرىپىدىن بىر-بىرلەپ كۆزدىن يوقىتىلغان. ھەربىي ساھەدىكى «تازىلاش ھەرىكىتى»دە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلاردىن سىرت، ھەربىي ساھە ئاكادېمىكلىرىنىڭمۇ كۆزدىن يوقىتىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

بۇ خەۋەر 57 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2026 11:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق