تىرامپ خىتاي زىيارىتىنى رەسمىي كېچىكتۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ئىراندىكى ئۇرۇش سەۋەبلىك، بۇ ئاينىڭ ئاخىرىغا پىلانلانغان خىتاي زىيارىتىنى بىر نەچچە ھەپتە كېچىكتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، تىرامپ 17-مارت قىلغان سۆزىدە: «بىز خىتاي بىلەن كېڭىشىۋاتىمىز، ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق پىكرى يوق. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئويلايمەنكى، ئۇمۇ مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە بەكمۇ تەقەززا... بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ياخشى. مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە بىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بولۇشقا باشلىدى. بۇ ئۆتمۈشتىكىگە قەتئىيلا ئوخشىمايدۇ... شۇڭا بىز بەش-ئالتە ھەپتىدىن كېيىن كۆرۈشۈشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

تىرامپ يەنە ئىراندىكى ئۇرۇش سەۋەبلىك، ئۆزىنىڭ چوقۇم ئامېرىكىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى، شۇڭا ئۇچرىشىشنى ئازراق كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا ھېچقانداق ھىيلە-نەيرەڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بۈگۈن بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئورنىنى تولدۇرغۇسىز يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ تىرامپنىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە داۋاملىق ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تىرامپ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر خىتاي ھورمۇز بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىدە ھەرىكەت قوللانمىسا، تەخمىنەن ئىككى ھەپتىدىن كېيىن بېيجىڭدا شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى. خىتاي بولسا بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلىپ، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن بولمىغان خەۋەرلەرنى تارقاتقانلىقىنى، تىرامپنىڭ خىتاي زىيارىتى بىلەن ھورمۇز بوغۇزى مەسىلىسىنىڭ ئالاقىسى يوقلۇقىنى دەۋا قىلغانىدى.

ئەگەر تىرامپنىڭ خىتاي زىيارىتى پىلانى ئەمەلگە ئاشسا، بۇ 2017-يىلىدىن بۇيان بىر ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ خەۋەر 67 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2026 17:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق