
خىتاي قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى مەلۇماتلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئورگان «تەقدىم قىلغۇچىلار» سانىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش جىنايىتىنىڭ تۈرلۈك ناملار بىلەن پەردازلىنىپ، ئېغىر دەرىجىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا بۇلتۇر شەرقىي تۈركىستان بويىچە 184 مىڭ 500 ئادەم قېتىم ھەقسىز قان تەقدىم قىلىنغانلىقى، 4650 كىشى قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلىش بويىچە تىزىملاپ قان ئەۋرىشكىسى ئېلىپ ئامبارغا كىرگۈزۈلگەنلىكى، ئورگان تەقدىم قىلىشقا تىزىملاتقانلارنىڭ 15 مىڭ 200 كىشىگە يەتكەنلىكى، ئالدىنقى بىر نەچچە يىلغا سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە ئاشقانلىقى قەيت قىلىنغان.
خەۋەردە بۇندىن ئىلگىرى «ئۈچنى تەقدىم قىلىش»، يەنى ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش، قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلىش، جەسەت ۋە بەدەن ئەزالىرىنى تەقدىم قىلىش تەشۋىقاتىدا، سەپەرۋەرلىكتە، كېڭەيتىشتە توسالغۇ كۆپ ئىكەنلىكى، ئاتالمىش «ئەنئەنىۋى قاراش، خاتا تونۇش» سەۋەبلىك قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇپ كەلگەنلىكى، يېقىنقى يىللاردا بولسا زور دەرىجىدە ئاشقانلىقى دەۋا قىلىنغان ۋە شۇنداقلا بۇ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ۋاسىتىسى» دېگەن نومۇسسىزلارچە ئىبارە بىلەن پەردازلانغان.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي يىغىۋېلىش جىنايىتى ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ. گەرچە خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى رېئال رەقەملەردىن زور دەرىجىدە پەرقلەنسىمۇ، يەنىلا بۇ جىنايەتنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان يۈزلىنىشىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
مۇتەخەسسىسلەر جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ قان، سۈيدۈكلىرىنىڭ ۋە باشقا ئەزالىرىنىڭ كۆپ قېتىم سىستېمىلىق تەكشۈرۈلۈشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىنى باھالاش ئىكەنلىكىنى، خىتاي تەمىنلىگەن رەسمىي سانلىق مەلۇماتلاردا روشەن ساختىلىق مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئەزا تەقدىم قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئىچكى ئەزا مەنبەسى ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
بۇلتۇر ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە خىتاينىڭ 2030-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىدىن ئالتىنى كۆپەيتىپ قۇرۇشنى پىلانلىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنىڭ توققۇزغا يېتىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى خەۋەر قىلىۋاتقان «ئورگان تەقدىم قىلغۇچىلار سانىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىۋاتقانلىقى»دەك يۈزلىنىش خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئەزا كۆچۈرۈش مەركىزىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەسسىلەپ كۆپەيتىش پىلانى بىلەن ماس قەدەمدە بولماقتا.